14 فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى ۋە چاكارلىرى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىشقا باشلىدى.
شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەسەت قىلىشىدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن ئاتىسى ئوغلى يۈسۈپنىڭ دېگەنلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.
مەن يەنە شۇنى كۆردۈمكى، ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىكى ھەسەتخورلۇق ئۇلارنىڭ جاپالىق ئىشلىشىگە ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىگە تۇرتكە بولۇپتۇ. بۇمۇ خۇددى شامالنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىغاندەكلا بىھۇدىلىك ئىكەن.
غەزەپ رەھىمسىزدۇر، قەھر ئوخشار كەلكۈنگە، بىراق تاقابىل تۇرالار كىممۇ كۈندىشىنىڭ كۈندەشلىكىگە؟
بايلىق كەلتۈرەر پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى، قوشماس بۇ بايلىققا دەرد-ئەلەمنى.
ئۆيلىرى بايلىققا تولۇپ، دۆلەتمەن بولار، ئۇلارنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈلۈك بولار.
ئايۇپنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان بەخت-سائادىتى بۇرۇنقى ھاياتىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بولدى. ئۇ 14 مىڭ تۇياق قوي، ئالتە مىڭ تۆگە، مىڭ جۈپ ئۆكۈز، مىڭ تۇياق مادا ئېشەككە ئىگە بولدى.
ئەخمەق ئادەمنى غەزەپ ئۆلتۈرەر، نادان ئادەمنى ھەسەت.
ئۇ يەتتە مىڭ تۇياق قوي، ئۈچ مىڭ تۆگە، بەش يۈز جۈپ ئۆكۈز، بەش يۈز تۇياق مادا ئېشەك ۋە نۇرغۇن خىزمەتكارلارنىڭ ئىگىسى بولۇپ، شەرقتىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ باي ئادەم ھېسابلىناتتى.
شۇ كۈندىن باشلاپ سائۇل داۋۇتقا ھەسەت قىلىدىغان بولۇپ قالدى.
ئىبرام باي بولۇپ، نۇرغۇن مال-ۋارانلىرى ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرى بار بولدى.
پىرئەۋن ساراھنىڭ سەۋەبىدىن ئىبرامغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇنىڭغا نۇرغۇن قوي، كالا، ئېشەك، تۆگە، قۇل ۋە دېدەكلەرنى سوۋغا قىلدى.
بۇنى كۆرۈپ چىدىمايدۇ رەزىللەر، ئاچچىقىدا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يەر، زەئىپلىشىپ ئۈمىدلىرى ئۈزۈلەر.
پەرۋەردىگار خوجايىنىمنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇنى ئىنتايىن باي قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنى كالا، قوي ۋە ئۆچكە پادىلىرىغا، ئالتۇن-كۈمۈش، قۇل، دېدەك، تۆگە ۋە ئېشەكلەرگە مۇيەسسەر قىلدى.
ئىبراھىم پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى ئىسھاققا ئاتىۋەتكەنىدى.
شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ بارغانسېرى بېيىپ، نۇرغۇن قوي، ئۆچكە، قۇل، دېدەك، تۆگە ۋە ئېشەكلەرگە ئىگە بولدى.