11 ئاندىن پادىشاھ ئابىمەلەك ئۆز خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: _ كىمدەكىم بۇ كىشىگە ياكى ئايالىغا چېقىلسا، جېنىدىن جۇدا قىلىنىدۇ، _ دېدى.
«مېنىڭ تاللىغانلىرىمغا چېقىلماڭلار، پەيغەمبەرلىرىمگە زىيانكەشلىك قىلماڭلار.»
ئاندىن خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ شۇنداق، سېنىڭ ۋىجدانىڭغا خىلاپ ئىش قىلمىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇڭا سېنى ماڭا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويمىسۇن، دەپ سېنى سارەگە چېقىلىپ قويۇشۇڭدىن توستۇم.
ئوخشاشتۇر ئۆزگىنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى، قۇتۇلالماس جازادىن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتسا كىمكى.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنىڭ ئايان بولۇشى ئۈچۈن سىلەرنى تالان-تاراج قىلغان ئەللەرگە قارشى مېنى ئەۋەتتى. سىلەرگە چېقىلغانلىق خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ كۆز قارىچۇقىغا چېقىلغانلىقتۇر.
ئىسھاق بىر يىلى يېرىگە ئۇرۇق چاچتى. ئۇ شۇ يىلى يېرىدىن يۈز ھەسسە كۆپ ھوسۇل ئالدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلغانىدى.