Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 25:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 لېكىن ئۇ ئۆزى ھايات ۋاقتىدا ئىككى توقىلىدىن بولغان ئوغۇللىرىغىمۇ سوۋغاتلارنى بېرىپ، ئۇلارنى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، شەرقتىكى زېمىنغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 25:6
18 Referans Kwoze  

ئەتىسى سەھەردە ئىبراھىم بىر خۇرجۇن نان ۋە بىر تۇلۇم سۇ تەييارلاپ، ئۇلارنى ھەجەرنىڭ مۈرىسىگە ئارتىپ، ئانا-بالا ئىككىسىنى يولغا سېلىپ قويدى. ھەجەر بالىسى بىلەن ئۆيدىن چىقىپ، بەئەرشەبا چۆلىگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئادىشىپ قالدى.


ھەر قېتىم ئىسرائىللار تېرىقچىلىق قىلىشقا باشلىغاندا، مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى خەلقلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلاتتى.


شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەمىشە ئىسپاتلاپ كەلگەن. ئۇ ھەمىشە ھەممىمىزگە شاپائەت قىلىپ، يامغۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ياغدۇرۇپ مول ھوسۇل بېغىشلاپ، رىزقىمىزنى بېرىپ، قەلبىمىزنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى. شۇنداق ئەمەسمۇ؟


شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار خۇدانىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرىدىن بولالايسىلەر. چۈنكى، خۇدا قۇياش نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ، يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ. يامغۇرنىمۇ ئادالەتلىكلەرگىمۇ، ئادالەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ.


ئۇ يەتتە مىڭ تۇياق قوي، ئۈچ مىڭ تۆگە، بەش يۈز جۈپ ئۆكۈز، بەش يۈز تۇياق مادا ئېشەك ۋە نۇرغۇن خىزمەتكارلارنىڭ ئىگىسى بولۇپ، شەرقتىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ باي ئادەم ھېسابلىناتتى.


ئۇز دىيارىدا ئايۇپ ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەنىدى. ئۇ قۇسۇرسىز، دۇرۇس، خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، يامانلىقتىن يىراق تۇراتتى.


قېيىنئاتىسى ئۇنى ئۈچ كۈن تۇتۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئۆيدە يەپ-ئىچىپ، تۇرۇپ قالدى.


ئىسرائىل ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. ئىسرائىل بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى.


شۇ كۈنى كېچىدە ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى ئايالى، ئىككى توقىلى ۋە 11 پەرزەنتىنى ئېلىپ، ياببوق دەرياسىدىن ئۆتتى.


ئىبراھىم قىتۇرا ئىسىملىك يەنە بىر ئايالنى توقاللىققا ئالدى.


شۇنىڭ بىلەن ساراھ ھەجەرنى ئىبرامغا كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. بۇ ۋەقە ئىبرام كەنئاندا تۇرغان ئونىنچى يىلى يۈز بەردى.


لېياھ ئۆزىنىڭ تۇغۇتىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى سېزىپ، دېدىكى زىلپانى ياقۇپقا توقاللىققا بەردى.


شۇنداق قىلىپ، راھىلە دېدىكى بىلھاھنى ئېرىگە توقاللىققا بەردى. ياقۇپ بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى.


رىخوبئامنىڭ جەمئىي 18 ئايالى، 60 توقىلى، 28 ئوغلى، 60 قىزى بار ئىدى. رىخوبئام ئاياللىرى ۋە توقاللىرىنىڭ ئىچىدە مائاكانى ئەڭ ياخشى كۆرەتتى.


ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرق تەرەپتىكىلەرنىڭ زېمىنىغا كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite