Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24:61 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

61 رىبەقا ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغان دېدەكلەر سەپەرگە تەييارلىنىپ، تۆگىلەرگە مىندى. ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى رىبەقانى ئېلىپ، يولغا راۋان بولدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24:61
10 Referans Kwoze  

تىڭشىغىن ئەي قىز، قۇلاق سالغىن سۆزۈمگە، ئۇنتۇغىن خەلقىڭنى، ئاتاڭنىڭ ئۆيى بولمىسۇن ئېسىڭدە.


بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.


چاپارمەنلەر ئوردىدىكى چاپقۇر ئاتلارغا مىنىپ، پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە جىددىي ئاتلاندى، سۇزادىكى قەلئەدىمۇ بۇ پەرمان ئېلان قىلىندى.


موردىكاي پادىشاھ ئاخاشۋېروشنىڭ نامىدا يېزىلغان بۇ پەرماننى پادىشاھنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكى بىلەن مۆھۈرلىدى ۋە ئۇنى ئوردىدىكى چاپقۇر ئاتلارغا مىنگەن چاپارمەنلەر ئارقىلىق تارقاتتى.


داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى ئەتىسى كۈن چىقىشى بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر كۈن كەچكىچە ئۇلارنى شۇنداق قىردىكى، تۆگىگە مىنىپ قاچقان تۆت يۈز يىگىتتىن باشقا ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمىدى.


راھىلە ئاتىسىنىڭ بۇتلىرىنى تۆگىگە ئارتىدىغان خۇرجۇنغا يوشۇرۇپ قويۇپ، ئۆزى ئۈستىگە ئولتۇرۇۋالغانىدى. لابان چېدىرنى ئاختۇرۇپ چىقىپ، ھېچ نەرسە تاپالمىدى.


ئۇلار رىبەقاغا بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئەي رىبەقا، مىڭلىغان، تۈمەنلىگەنلەرنىڭ بولغايسەن ئانىسى، ئەۋلادلىرىڭ ئىگىلىگەي دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى!»


ئۇ ۋاقىتتا ئىسھاق بەئەر-لاخايروئى دېگەن يەردىن ئايرىلىپ، كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب چۆللۈكىگە قايتىپ كېلىپ، شۇ يەردە ياشاۋاتقانىدى.


‹ئۇلار جەزمەن بۆلۈشىۋاتىدۇ ئولجا ھەم غەنىيمەتلەر، تەگدى ئەلۋەتتە ھەربىرىگە بىرنەچچىدىن قىزلار، ئالغاچ كەلگەي سىسىرا ئۆزىگە رەڭدار كىيىملەر، ھەم ماڭىمۇ بوينۇمغا سېلىشقا چىرايلىق ياغلىقلار.›


ئابىگال دەرھال جابدۇنۇپ، ئېشىكىگە مىنىپ، بەش دېدىكىنى ئېلىپ، داۋۇتنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىرگە بېرىپ، داۋۇتقا ياتلىق بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite