6 ئىبراھىم مۇنداق جاۋاب بەردى: _ ئوغلۇمنى ھەرگىز يۇرتۇمغا ئاپارما!
بىراق، بىز ئېتىقادىدىن يېنىپ ھالاك بولىدىغانلاردىن ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد قىلىپ قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشىدىغانلاردىندۇرمىز.
ئەيسا مەسىھ بىزنى ئەركىنلىكتە ياشىسۇن دەپ، ئازاد قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، قەددىڭلارنى رۇسلاڭلار، تەۋراتتىكى قائىدە-يوسۇنلار سىلەرگە يەنە بويۇنتۇرۇق بولمىسۇن.
ئۇ ۋەدە قىلىنغان جايغا بېرىپ، بۇ ياقا يۇرتتا چېدىرلاردا تۇرۇپ، ئېتىقادى بىلەن ياشىدى. خۇدانىڭ ئىبراھىمغا قىلغان ۋەدىسىنىڭ مىراسخورلىرى بولغان ئىسھاق ۋە ياقۇپلارمۇ شۇنداق چېدىرلاردا تۇردى.
لېكىن غوجىدار ئۇنىڭدىن: _ ئەگەر ئۇ قىز ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ، بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسا، ئوغلىڭىزنى يۇرتىڭىزغا ئېلىپ بارامدىمەن؟ _ دەپ سورىدى.
مۇبادا ئۇ قىز سەن بىلەن بىرگە كېلىشكە ئۇنىمىسا، سەن قەسىمىڭدىن خالىي بولىسەن. لېكىن ئوغلۇمنى ھەرگىز يۇرتۇمغا ئاپارمىغىن!