59 شۇنىڭ بىلەن ئۇلار رىبەقانى ئىنىكئانىسى بىلەن بىرگە ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىغا قوشۇپ يولغا سالدى.
ئۇلار بەيتەلگە كەلگەندىن كېيىن، رىبەقانىڭ ئىنىكئانىسى دىبورا ۋاپات بولدى. ئۇ بەيتەلنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ بىر دۇپ دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىندى. ئۇ دەرەخ ئاللون-باقۇت [مەنىسى «كۆز يېشى دۇپ دەرىخى»] دەپ ئاتالدى.
سىلەرگە مەلۇمكى، بىز ھېچقاچان سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا خۇشامەت قىلغىلى ياكى نىقابلىنىپ تەمەخورلۇق قىلغىلى بارمىدۇق. بۇنىڭغا خۇدا گۇۋاھتۇر.
ئۇلار مېنىڭ پەرزەنتلىرىممىدى؟ ئۇلارنى مەن ئاپىرىدە قىلغانمىدىم؟ سەن نېمىشقا مەندىن، ئۇلارنى خۇددى ئاتىسىغا ئوخشاش ئاسراپ، ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا قوغداپ ئاپىرىشىمنى تەلەپ قىلدىڭ؟
ئۇلار رىبەقاغا بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى: «ئەي رىبەقا، مىڭلىغان، تۈمەنلىگەنلەرنىڭ بولغايسەن ئانىسى، ئەۋلادلىرىڭ ئىگىلىگەي دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى!»
ئارقىدىن ئۇ كىيىم-كېچەك، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملارنى چىقىرىپ، رىبەقاغا سۇندى. ئاندىن ئاكىسى ۋە ئانىسىغىمۇ قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى بەردى.
لابان بىلەن بېتۇئېل غوجىدارغا: _ بۇ ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەن، بىز نېمە دېيەلەيمىز!
شۇنداق قىلىپ، ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى ھەمراھلىرى بىلەن بىرگە يەپ-ئىچىپ، بىر كېچە قوندى. ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، رىبەقانىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە: _ خوجايىنىمنىڭ يېنىغا قايتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىلەر، _ دېدى.
ۋە رىبەقانى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن: _ سەن بۇ كىشى بىلەن كېتىشنى خالامسەن؟ _ دەپ سورىدى. _ خالايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.