Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24:45 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

45 دۇئايىم ئاياغلاشمايلا، رىبەقا كومزىكىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، قۇدۇقنىڭ يېنىغا سۇ ئالغىلى كەلدى. مەن ئۇنىڭدىن: «سۈيىڭىزدىن ئازراق ئىچىۋالسام بولامدۇ؟» دەپ سورىغانىدىم.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24:45
14 Referans Kwoze  

كورنىلىي مۇنداق دېدى: - تۆت كۈننىڭ ئالدىدا دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، يەنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، مەن ئۆيدە دۇئا قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بىر پەرىشتە ئادەم شەكلىدە ئالدىمدا پەيدا بولۇپ:


- دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ.


سەن دۇئا قىلىشنى باشلىغان ۋاقتىڭدىلا ساڭا جاۋاب بېرىلىپ بولۇنغانىدى. مەن شۇ جاۋابنى ساڭا يەتكۈزگىلى بۇ يەرگە كەلدىم، چۈنكى خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ. دىققەت قىلىپ ئاڭلىساڭلا، ۋەھىينىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيسەن.


ئۇلار ئۆتۈنۈشتىن بۇرۇن، مەن جاۋاب بېرىمەن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، ئۇنى ئىجابەت قىلىمەن.


ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇقەددەس روھ بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى بىلىپ، بىزگە ياردەم قىلىدۇ. بىز قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن، مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزى سۆز بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئاھ ئۇرۇش ئارقىلىق بىز ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.


ئى ئىگەم، زارىمىزنى ئاڭلىغىن، بىزنى ئەپۇ قىلغىن! ئى ئىگىمىز، نالىمىزنى ئاڭلاپ، بىرەر تەدبىر قوللانغىن. ئى خۇدايىم، ئۆز نامىڭ ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەت ئۆتكىن، چۈنكى بۇ شەھەر ۋە خەلق ئۆزۈڭنىڭدۇر».


شۇ چاغدا سىلەرنىڭ ئىلتىجالىرىڭلارغا پەرۋەردىگار جاۋاب بېرەتتى، سىلەر ئىلتىجا قىلساڭلارلا ئۇ: ‹مەن بۇ يەردە› دەيتتى. ئاراڭلاردىكى ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى، دېۋەيلەيدىغان قوللارنى ۋە تۆھمەتلەرنى ئېلىپ تاشلىساڭلار،


پادىشاھ: _ مەندىن نېمە تىلەيسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلدىم ۋە


ئەي قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا! سەن مەن قۇلۇڭ داۋۇتنىڭ جەمەتىگە بىر خانىدانلىق تىكلەپ بېرىدىغانلىقىڭنى ۋەدە قىلغانىدىڭ. شۇ سەۋەبتىن مەن ساڭا شۇنداق دەپ دۇئا قىلىشقا جۈرئەت قىلدىم.


ئەگەر ئۇ قىز قوشۇلسا ۋە تۆگىلىرىمگىمۇ قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ بەرسە، ئۇ قىز پەرۋەردىگارنىڭ خوجايىنىمنىڭ ئوغلىغا تاللاپ قويغان قىز بولسۇن» دېدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite