Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24:44 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

44 ئەگەر ئۇ قىز قوشۇلسا ۋە تۆگىلىرىمگىمۇ قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ بەرسە، ئۇ قىز پەرۋەردىگارنىڭ خوجايىنىمنىڭ ئوغلىغا تاللاپ قويغان قىز بولسۇن» دېدىم.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24:44
11 Referans Kwoze  

مەن ئۇلارنىڭ بىرىگە: «كومزىكىڭىزدىكى سۇدىن ئىچىۋالسام قانداق؟» دەيمەن. ئەگەر ئۇ: «ئىچىڭ، تۆگىلىرىڭىزگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بېرەي» دېسە، بۇ قىز خىزمەتكارىڭ ئىسھاققا تاللاپ بەرگىنىڭ بولسۇن. بۇنىڭدىن سېنىڭ خوجايىنىمغا مېھرىبانلىق قىلغانلىقىڭنى بىلەي.


يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھەممىڭلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ھېسداشلىق قىلىڭلار، بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، مېھرىبان ۋە كەمتەر بولۇڭلار.


ناتونۇش كىشىلەرگە مېھماندوست بولۇشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى، بەزىلەر مېھماندوستلۇق بىلەن بىلمەستىن پەرىشتىلەرنى مېھمان قىلغان.


بەلكى ياخشى ئەمەلىيىتى بىلەن پەردازلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ، خۇدا يولىدا ماڭىمەن دەيدىغان ئاياللارغا يارىشىدۇ.


ئەمما ئالىيجاناب ئادەملەر، ئالىيجاناب پىلانلارنى تۈزىدۇ. ئۇلار ئالىيجاناب ئىشلاردا چىڭ تۇرىدۇ.


مىراستۇر ئۆي ۋە مال-مۈلۈك ئاتا-بوۋىدىن، ئەقىل-ئىدراكلىق خوتۇن پەرۋەردىگاردىن.


ياخشى خوتۇن ئالغان كىشى ياخشىلىق تاپقان بولار، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مەرھەمىتىگە ئىگە بولار.


چەك ئېتەككە تاشلانغىنى بىلەن، ھۆكۈم قىلىش پەرۋەردىگاردىندۇر.


پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمنىڭ قوۋۇرغىسىدىن بىر ئايال ياراتتى ۋە ئۇنى ئادەمنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.


مەن ھازىر قۇدۇق يېنىدا تۇرىمەن. بىرەر قىز بۇ يەرگە سۇ ئالغىلى كەلسە، مەن ئۇنىڭدىن: ‹كومزىكىڭىزدىكى سۇدىن ئازراق ئىچىۋالسام بولامدۇ؟› دەپ سورايمەن.


دۇئايىم ئاياغلاشمايلا، رىبەقا كومزىكىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، قۇدۇقنىڭ يېنىغا سۇ ئالغىلى كەلدى. مەن ئۇنىڭدىن: «سۈيىڭىزدىن ئازراق ئىچىۋالسام بولامدۇ؟» دەپ سورىغانىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite