Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24:42 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

42 بۈگۈن مەن قۇدۇق يېنىغا كەلگىنىمدە، خۇداغا دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار، يەنى خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24:42
14 Referans Kwoze  

ئى ئىگەم، مېنىڭ ۋە نامىڭدىن ئەيمىنىپ خۇشاللىق تاپقان باشقا كىشىلەرنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. بۈگۈن ئىشلىرىمنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر قىلغايسەن!» بۇ مەزگىلدە مەن پادىشاھنىڭ باش ساقىيسى ئىدىم.


ئى رەببىمىز، مېھرىڭ بىزگە يار بولسۇن، مەدەت قىلغىن، ئىشلىرىمىز ئوڭ بولسۇن، قوللىرىمىز بەرىكىتىڭگە لىق تولسۇن.


ئامانەت قىل ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا، ئۇ يېتەكچى بولار ساڭا، ئىشەن ئۇنىڭغا.


ئاخاۋا قانىلىنىڭ بويىدا مەن جامائەتكە روزا تۇتۇشنى جاكارلاپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەمتەر بولۇشىمىزنى، سەپەر جەريانىدا ئۆزىمىز، بالىلىرىمىز ۋە بارلىق مال-مۈلكىمىزنىڭ بىخەتەر بولۇشىنى خۇدادىن تىلىدىم.


- بىزنى رىملىق يۈزبېشى كورنىلىي ئەۋەتتى. ئۇ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان دۇرۇس ئادەم بولۇپ، پۈتۈن يەھۇدىي خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەردۇر. خۇدانىڭ بىر مۇقەددەس پەرىشتىسى ئۇنىڭغا، سىزنى ئۆيىگە چاقىرتىپ، تەلىمىڭىزنى ئاڭلاشنى بۇيرۇغان! - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.


پوتىفار پەرۋەردىگارنىڭ يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئوڭ قىلغانلىقىنى بايقىدى.


ئۇنىڭغا: _ پەرۋەردىگار بەختلىك قىلغان ئادەم نېمىشقا تاشقىرىدا تۇرىسىز؟ مەن بىلەن يۈرۈڭ، ئۆيگە بارايلى! مەن سىزگە ئۆي، تۆگىلەرگىمۇ جاي تەييارلاپ قويدۇم، _ دېدى.


شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلىرىنى چۆكتۈردى. بۇ كۈن پېتىپ قالغان چاغ بولۇپ، قىزلار قۇدۇققا سۇ ئالغىلى چىقىدىغان ۋاقىت ئىدى.


مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا بولسۇن! ئۇ خوجايىنىمغا مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، بەرگەن ۋەدىسىگە سادىق بولۇپ، مېنى ئۇدۇل خوجايىنىمنىڭ ئۆز تۇغقىنىنىڭ يېنىغا باشلاپ كەلدى.


ھاننا ئىچىدە دۇئا قىلىپ، ئاۋازىنى چىقارمىدى. پەقەت ئۇنىڭ لەۋلىرىلا مىدىرلايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەلى ئۇنى مەست ئىكەن، دەپ ئويلىدى-دە،


لېكىن خىزمەتكارى ئۇنىڭغا: _ ئالدىمىزدىكى شەھەردە خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن بىر ئادەم بار. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا چىقىدۇ. شۇ ئادەمنىڭ يېنىغا بارساق، بەلكىم ئۇ بىزگە ئىزدەيدىغان يېرىمىزنى ئېيتىپ بېرەر، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite