36 خوجايىنىمنىڭ ئايالى سارە ياشانغان ۋاقتىدا خوجايىنىمغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. خوجايىنىم پۈتۈن بايلىقىنى شۇ ئوغلىغا ئاتىدى.
ئىبراھىم پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى ئىسھاققا ئاتىۋەتكەنىدى.
شۇنىڭ بىلەن سارە ئىبراھىمغا: _ سەن بۇ دېدەك ئايالنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى بۇ دېدەكنىڭ ئوغلى ھەرگىز مېنىڭ ئوغلۇم ئىسھاق بىلەن ئورتاق مىراسخور بولۇپ قالمىسۇن! _ دېدى.
ئىبراھىم ئۆزىنىڭ يۈز ياشقا يېقىنلاپ، پەرزەنت تېپىش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئايالى سارەنىڭمۇ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى ئاجىزلاشتۇرمىدى.