Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24:27 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

27 مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا بولسۇن! ئۇ خوجايىنىمغا مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، بەرگەن ۋەدىسىگە سادىق بولۇپ، مېنى ئۇدۇل خوجايىنىمنىڭ ئۆز تۇغقىنىنىڭ يېنىغا باشلاپ كەلدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24:27
31 Referans Kwoze  

ئاندىن مەن پەرۋەردىگارغا، يەنى خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا سەجدە قىلىپ، ھەمدۇسانا ئوقۇدۇم. چۈنكى ئۇ مېنى ئۇدۇل خوجايىنىمنىڭ تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ كېلىپ، خوجايىنىمغا ئۇنىڭ قىزىنى كېلىنلىككە ئېلىشىمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنىدى.


ئۇ يەتكۈزدى ئىسرائىللارغا مېھىر ۋە مۇھەببىتىنى، ئۇنتۇمىدى ئۇ زىنھار ئىسرائىللارغا بولغان ساداقىتىنى، بارچە ئاۋام كۆردى ھەم ئىگىمىزنىڭ ئۇتۇقىنى.


مەن سېنىڭ مەندەك بىر خىزمەتكارىڭغا كۆرسەتكەن بارلىق مېھرىبانلىقىڭ ۋە سەمىمىيىتىڭگە لايىق ئەمەسمەن. بۇرۇن مەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە، قولۇمدا پەقەت بىرلا ھاسا بار ئىدى. ئەمدى بۇ ئىككى توپ كىشىنى باشلاپ قايتىۋاتىمەن.


غوجىدار مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداسەن. خوجايىنىمغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن.


داۋۇت ئابىگالغا: _ سىزنى بۈگۈن مېنىڭ ئالدىمغا ئەۋەتكەن پەرۋەردىگارغا، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا ھەمدۇسانالار بولسۇن!


شەھەردىكى ئاياللار نائومىغا: _ پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ئۇ بۈگۈن سىزگە تايانچ بولىدىغان بىر نەۋرە ئاتا قىلدى. ئۇنىڭ نامى ئىسرائىلىيەدە ئىززەت-ئابرۇي تاپسۇن.


ئۇ: _ پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي! ئۇ سىلەرنى مىسىرلىقلار ۋە پىرئەۋننىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ، قۇللۇقتىن ئازاد قىلىپتۇ.


«پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلسۇن! چۈنكى، ئۇ شاپائەت قىلىپ، خەلقىنى قۇتقۇزدى.


ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا، ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا.


بەرھەق، پەرۋەردىگار شاپائەتلىكتۇر، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ساداقەتلىكتۇر.


ئاخىمائاز پادىشاھقا يۇقىرى ئاۋازدا: _ تىنچ-ئامان بولغايلا، _ دەپ توۋلىدى. ئۇ يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھقا تەزىم قىلغاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشلىرىغا مۇيەسسەر قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا ھەمدۇسانالار بولغاي.


بارلىق ھۆرمەت ۋە شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپتۇر. ئۇ مەڭگۈلۈك پادىشاھ، يەنى ئۆلمەيدىغان ۋە كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بىردىنبىر خۇدادۇر، ئامىن!


خۇداغا، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا بىزگە ئەرشتىكى بارلىق روھىي بەختنى ئاتا قىلدى.


چۈنكى، تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى.


سەن قەدىمدە ئەجدادلىرىمىزغا ۋەدە قىلغىنىڭدەك، ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىشەنچىڭنى كۆرسىتىسەن، ئىبراھىم ئەۋلادلىرىغا مېھىر-مۇھەببەت بېغىشلايسەن.


مەن ھەققانىيەت يولىدا ماڭىمەن، ئادالەت يولىدا ئىلگىرىلەيمەن.


مەدھىيەلەر بولسۇن ئىگىمىزگە، ئۇ ھەر كۈنى ئېغىرچىلىقىمىزنى كۆتۈرمەكتە، پەرۋەردىگار نىجاتكاردۇر بىزگە. سېلاھ


داۋۇت نابالنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ: _ پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن. نابال ماڭا ھاقارەت قىلغانىدى، پەرۋەردىگار مەن ئۈچۈن ئۆچ ئاپتۇ، ھەم مېنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلاپتۇ. نابالنىڭ يامانلىقىنىمۇ ئۆز بېشىغا قايتۇرۇپتۇ! _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئارىغا ئادەم سېلىپ، ئابىگالغا ئۆيلىنىش نىيىتىنى بىلدۈردى.


ئەتىسى مۇسا يەنە سىرتقا چىقىپ، ئىككى ئىبرانىينىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ يولسىزلىق قىلغان بىرىگە: _ نېمىشقا ئۆز قېرىندىشىڭنى ئۇرىسەن؟ _ دېدى.


مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئىبرانىي قېرىنداشلىرى ئىشلەۋاتقان يەرگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. شۇ ئارىدا ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ بىر ئىبرانىينى، يەنى ئۆز قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،


بۈگۈن مەن قۇدۇق يېنىغا كەلگىنىمدە، خۇداغا دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار، يەنى خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن.


غوجىدار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى ئوچۇق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، جىمجىت كۆزىتىپ تۇردى.


سەن چوقۇم يۇرتۇمغا بېرىپ، تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن بىر قىزنى ئوغلۇم ئىسھاققا ئېلىپ بېرىدىغانلىقىڭغا ۋەدە بەر، _ دېدى.


سېنى دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرغان ئۇلۇغ خۇداغا ھەمدۇسانا بولغاي!» دېدى. ئىبرام غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى مالكىسىدىققا تەقدىم قىلدى.


شۇڭا ئىبرام لۇتقا: _ بىز بولساق ئۇرۇق-تۇغقان، ئارىمىزدا ياكى پادىچىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقمىسۇن.


سام ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدا مەدھىيەلەنگەي! كەنئاننىڭ ئەۋلادى سامنىڭ ئەۋلادىغا قۇل بولغاي.


مېنى ئاكام ئەساۋنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن. مەن ئۇنىڭ مېنى، ھەتتا خوتۇن، بالا-چاقىلىرىمنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن.


پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ: _ مەن «ياھۋەھ»دۇرمەن، پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن ئىنتايىن رەھىمدىل ۋە شەپقەتلىك خۇدادۇرمەن، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيمەن. مەن چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋە ۋاپادار خۇدادۇرمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite