24 قىز ئۇنىڭغا: _ ناخور بىلەن مىلكاھنىڭ ئوغلى بېتۇئېلنىڭ قىزى بولىمەن.
ئۇنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، بىر قىز كومزىكىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، قۇدۇقنىڭ يېنىغا كەلدى. بۇ قىز بېتۇئېلنىڭ قىزى رىبەقا ئىدى. بېتۇئېل ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناخور بىلەن مىلكاھنىڭ ئوغلى ئىدى.
بېتۇئېل كېيىن رىبەقانىڭ ئاتىسى بولدى. يۇقىرىدىكىلەر مىلكاھ ناخورغا، يەنى ئىبراھىمنىڭ ئىنىسىغا تۇغۇپ بەرگەن سەككىز ئوغۇل ئىدى.
بىر مەزگىلدىن كېيىن ئىبراھىم ئىنىسى ناخورنىڭ ئايالى مىلكاھنىڭ سەككىز ئوغۇل تۇغقانلىقىنى ئاڭلىدى.
ئىبرام ساراھقا، ناخور ھاراننىڭ قىزى مىلكاھقا ئۆيلەندى. ھاراننىڭ يەنە يىسكاھ ئىسىملىك بىر قىزىمۇ بار ئىدى.
ئاندىن ئۇ: _ سىز كىمنىڭ قىزى بولىسىز؟ ئۆيۈڭلاردا قونغۇدەك يەر بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
بىزنىڭ ئۆيدە قونغۇدەك يەر بار ھەمدە يەم-خەشەكمۇ كۆپ، _ دەپ جاۋاب بەردى.
ئاندىن مەن ئۇنىڭدىن: «سىز كىمنىڭ قىزى بولىسىز؟» دەپ سورىۋىدىم، ئۇ: «ناخور بىلەن مىلكاھنىڭ ئوغلى بېتۇئېلنىڭ قىزى بولىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. شۇڭا مەن ئۇنىڭ بۇرنىغا ھالقا تاقاپ، قوللىرىغا بىلەزۈك سېلىپ قويدۇم.
_ سىلەر ناخورنىڭ ئوغلى لاباننى تونۇمسىلەر؟ _ دېدى ئۇ. _ تونۇيمىز! _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.