Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 تۆگىلەر سۇنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ بۇرنىغا 6 گىراملىق ئالتۇن ھالقا تاقاپ، قولىغا 115 گىراملىق بىر جۈپ ئالتۇن بىلەزۈك سېلىپ قويدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24:22
16 Referans Kwoze  

ياش ئايال زىبۇ-زىننەتلىرىنى، يېڭى كېلىنچەك توي كۆڭلىكىنى ئۇنتۇپ قالامدۇ؟ بىراق مېنىڭ خەلقىم بولغان سىلەر مېنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇنتۇپ قالدىڭلار.


ئاندىن مەن ئۇنىڭدىن: «سىز كىمنىڭ قىزى بولىسىز؟» دەپ سورىۋىدىم، ئۇ: «ناخور بىلەن مىلكاھنىڭ ئوغلى بېتۇئېلنىڭ قىزى بولىمەن» دەپ جاۋاب بەردى. شۇڭا مەن ئۇنىڭ بۇرنىغا ھالقا تاقاپ، قوللىرىغا بىلەزۈك سېلىپ قويدۇم.


ئۇ سىڭلىسىنىڭ ھالقا ۋە بىلەزۈك سېلىۋالغىنىنى كۆرگەن ۋە سىڭلىسىدىن غوجىدارنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغانىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ تۈۋىدە تۆگىلەرنىڭ يېنىدا تۇرغان ئىبراھىمنىڭ غوجىدارىنىڭ ئالدىغا بېرىپ،


ئۈچىنچى كۈنى ئەستىر شاھانە لىباسنى كىيىپ، ئوردىنىڭ ئىچكىرىكى ھويلىسىغا كىرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. پادىشاھ ئۆز خانىسىدا ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىغا قويۇلغان تەختىدە ئولتۇراتتى.


يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھەممىڭلار بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار، بىر-بىرىڭلارغا ھېسداشلىق قىلىڭلار، بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈڭلار، مېھرىبان ۋە كەمتەر بولۇڭلار.


گۈزەللىكىڭلار سىرتقى كۆرۈنۈشتىكى ئالاھىدە ياسىۋالغان چاچلىرىڭلار، تاقىغان ئالتۇن زىبۇزىننەتلىرىڭلار ۋە ئېسىل كىيىملىرىڭلاردىن ئىبارەت ئەمەس،


غوجىدار خوجايىنى ئىبراھىمنىڭ تۆگىلىرىدىن ئوننى تاللاپ، ئۇلارغا ھەر خىل قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى ئارتىپ، يولغا چىقتى. ئۇ ئاررام-ناھارايىم رايونىغا بېرىپ، ناخور تۇرغان شەھەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن،


ئاندىن ئۇ: _ سىز كىمنىڭ قىزى بولىسىز؟ ئۆيۈڭلاردا قونغۇدەك يەر بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى.


ئارقىدىن ئۇ كىيىم-كېچەك، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملارنى چىقىرىپ، رىبەقاغا سۇندى. ئاندىن ئاكىسى ۋە ئانىسىغىمۇ قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى بەردى.


شۇنداق قىلىپ، مەن ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقنى بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېلدىن سېتىۋالدىم. مەن ئۇ ئېتىزلىق ئۈچۈن ئىككى يۈز گىرام كۈمۈش تۆلىدىم.


كۈمۈش قازىدىغان كانلار بار، ئالتۇن تاۋلايدىغان جايلار بار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite