21 غوجىدار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى ئوچۇق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، جىمجىت كۆزىتىپ تۇردى.
كۆڭۈل قويسۇن بۇ ئىشلارغا ئەقلى بارلار، خۇدانىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى چۈشەنسۇن ئۇلار.
غوجىدار مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداسەن. خوجايىنىمغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن ناسىرە شەھىرىگە قايتتى. ئۇ ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىگە كىرەتتى. ئانىسى يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە چىڭ ساقلىدى.
مەريەم بولسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە ساقلاپ، چوڭقۇر ئويلىدى.
شۈكۈر ئېيتسۇن ئۇلار پەرۋەردىگارغا، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە، ئىنسانلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىگە.
شۈكۈر ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا، شاپائەتلىكتۇر پەرۋەردىگار، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى مەڭگۈلۈككە داۋام قىلار.
لېكىن غوجىدار: _ بىزنى كېچىكتۈرمىگەيسىلەر. پەرۋەردىگار ھەممە ئىشىمىزنى ئوڭۇشلۇق قىلغانىكەن، خوجايىنىمنىڭ يېنىغا قايتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىلەر، _ دېدى.
رىبەقا دەرھال كومزەكتىكى سۇنى نورغا قۇيغاندىن كېيىن، يەنە يۈگۈرۈپ بېرىپ قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ كېلىپ، ھەممە تۆگىلەرنى قانغۇدەك سۇغاردى.
مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا بولسۇن! ئۇ خوجايىنىمغا مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، بەرگەن ۋەدىسىگە سادىق بولۇپ، مېنى ئۇدۇل خوجايىنىمنىڭ ئۆز تۇغقىنىنىڭ يېنىغا باشلاپ كەلدى.