Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 ئىبراھىمنىڭ غوجىدارى قىزنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن: _ ماڭا سۈيىڭىزدىن ئازراق بەرسىڭىز؟ _ دەپ سورىدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24:17
10 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن، شەھەرگە كىرىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا، سامارىيىلىك بىر ئايال سۇغا كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ماڭا بىرئاز ئۇسسۇلۇق بەرگەيسىز، - دېدى.


چاڭقىغانلارغا ئۇسسۇزلۇق بېرىڭلار، ئەي تەما زېمىنىدا ياشايدىغانلار، مۇساپىرلارغا تاماق بېرىڭلار.


ئىلياس ئورنىدىن تۇرۇپ، زارىفاتقا باردى. ئۇ شەھەر دەرۋازىسىغا ئاز قالغاندا، بىر تۇل ئايالنىڭ ئوتۇن تېرىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردى. ئىلياس ئۇنىڭدىن: _ ماڭا ئىچكىلى ئازراق سۇ بەرسىڭىز! _ دەپ سورىدى.


يەھۇدىيلارنىڭ سامارىيىلىكلەرنى كاپىر دەپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ چىنە-قاچىلىرىنىمۇ ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئايال: - ئۆزىڭىز يەھۇدىي تۇرۇپ، مەندەك سامارىيىلىك ئايالدىن قانداقلارچە سۇ تەلەپ قىلىپ قالدىڭىز؟ - دەپ سورىدى.


ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئازابىنى تارتمايدۇ، قۇياشنىڭ ھارارىتى ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ ئازابلىمايدۇ. مەن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭىمەن، ئۇلارنى بۇلاقلارغا باشلاپ بارىمەن.


سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلار قىرىلىپ، شەھەر مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن شۇ كۈنى، ھەربىر چوقا ۋە تاغلاردىن سۈپسۈزۈك ئېرىق-ئېرىق سۇلار ئېقىپ كېلىدۇ.


دۇئايىم ئاياغلاشمايلا، رىبەقا كومزىكىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، قۇدۇقنىڭ يېنىغا سۇ ئالغىلى كەلدى. مەن ئۇنىڭدىن: «سۈيىڭىزدىن ئازراق ئىچىۋالسام بولامدۇ؟» دەپ سورىغانىدىم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite