16 رىبەقا ئىنتايىن چىرايلىق، ئىپپەتلىك، پاك قىز ئىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، كومزىكىگە سۇ تارتىپ چىقتى.
ئۇنىڭ ئايالى رىبەقا ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئايالى رىبەقانى كىم دەپ سورىسا، ئۇ ئۇلارغا ئايالىنى «سىڭلىم»، دەپ جاۋاب بەردى. چۈنكى ئۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، رىبەقانى ئېلىپ كېتىشىدىن قورقاتتى.
ئۇيقۇدا ئىدىم، لېكىن ئويغاق ئىدى كۆڭلۈم، چۈشۈمدە ئاڭلىدىم سۆيۈملۈكۈمنىڭ ئاۋازىنى، مانا، ئۇ قاقتى ئىشىكنى! ئىشىكنى ئاچ سىڭلىم _ ئامرىقىم، ئېھ مېنىڭ غۇبارسىز كەپتىرىم. شەبنەم چۈشۈپ بېشىمغا، كېچىدە ھۆل بولدى چېچىم.
شۇنىڭ بىلەن پوتىفار ھەممىنى يۈسۈپنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدىن باشقا ھېچ ئىش بىلەن كارى بولمايدىغان بولدى. يۈسۈپ كېلىشكەن، چىرايلىق يىگىت ئىدى.
ئادەمئاتا ئايالى ھاۋائانا بىلەن بىللە بولدى. ھاۋائانا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئوغۇلغا ئىگە بولدۇم» دېدى ۋە ئىسمىنى قابىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىگە بولدۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى.
ئۇلار مىسىرغا كىرىشكە ئاز قالغاندا، ئىبرام ئايالى ساراھقا: _ سەن بىر گۈزەل ئايال،
لېياھنىڭ كۆزلىرى چىرايلىق ئىدى، لېكىن راھىلە ھەممە جەھەتتە گۈزەل ۋە كېلىشكەن قىز ئىدى.