13 مەن ھازىر قۇدۇق يېنىدا تۇرىمەن. شەھەر قىزلىرى بۇ يەرگە سۇغا كېلىدۇ.
مەن ھازىر قۇدۇق يېنىدا تۇرىمەن. بىرەر قىز بۇ يەرگە سۇ ئالغىلى كەلسە، مەن ئۇنىڭدىن: ‹كومزىكىڭىزدىكى سۇدىن ئازراق ئىچىۋالسام بولامدۇ؟› دەپ سورايمەن.
ئامانەت قىل ئىشلىرىڭنى پەرۋەردىگارغا، ئۇ يېتەكچى بولار ساڭا، ئىشەن ئۇنىڭغا.
ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن، شەھەرگە كىرىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا، سامارىيىلىك بىر ئايال سۇغا كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ماڭا بىرئاز ئۇسسۇلۇق بەرگەيسىز، - دېدى.
ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا، ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا.
ئاڭلاڭلار قۇدۇق بېشىدىكى سازچىلارنىڭ نەغمىسىنى، ئۇلار بايان قىلغان پەرۋەردىگارنىڭ غەلىبىسىنى، ئىسرائىل دېھقانلىرىنىڭ زەپەر قۇچۇپ قايتقىنىنى. يېتىپ كەلدى قوۋۇقلىرىغا پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى.
مىدياندىكى بىر روھانىينىڭ يەتتە قىزى ئۇ يەرگە سۇ ئالغىلى كەلدى. ئۇلار دائىم ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىش ئۈچۈن بۇ قۇدۇققا كېلىپ، سۇ تارتىپ، نورنى تولدۇرۇشاتتى.
شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلىرىنى چۆكتۈردى. بۇ كۈن پېتىپ قالغان چاغ بولۇپ، قىزلار قۇدۇققا سۇ ئالغىلى چىقىدىغان ۋاقىت ئىدى.
مەن ئۇلارنىڭ بىرىگە: «كومزىكىڭىزدىكى سۇدىن ئىچىۋالسام قانداق؟» دەيمەن. ئەگەر ئۇ: «ئىچىڭ، تۆگىلىرىڭىزگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بېرەي» دېسە، بۇ قىز خىزمەتكارىڭ ئىسھاققا تاللاپ بەرگىنىڭ بولسۇن. بۇنىڭدىن سېنىڭ خوجايىنىمغا مېھرىبانلىق قىلغانلىقىڭنى بىلەي.