ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى12 غوجىدار مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى: _ ئى پەرۋەردىگار، سەن خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداسەن. خوجايىنىمغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن. Gade chapit la |
كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتى كەلگەندە، ئىلياس پەيغەمبەر قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن كېلىپ: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا، بۈگۈن سەن بۇ خەلققە ئۆزۈڭنىڭ ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئىكەنلىكىڭنى، مېنىڭ سېنىڭ خىزمەتكارىڭ ئىكەنلىكىمنى ۋە مېنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەمرىڭ بويىچە قىلغانلىقىمنى بىلدۈرگەيسەن.