Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 غوجىدار خوجايىنى ئىبراھىمنىڭ تۆگىلىرىدىن ئوننى تاللاپ، ئۇلارغا ھەر خىل قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى ئارتىپ، يولغا چىقتى. ئۇ ئاررام-ناھارايىم رايونىغا بېرىپ، ناخور تۇرغان شەھەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن،

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 24:10
19 Referans Kwoze  

چۈنكى سىلەر مىسىردىن چىققان ۋاقتىڭلاردا ئۇلار سىلەرنى سۇ ۋە يېمەكلىك بىلەن كۈتۈۋالمىدى. ئۇلار ئاررام-ناھارايىمدىكى پىتور شەھىرىدە تۇرىدىغان بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرىپ كېلىپ سىلەرنى قارغاتتى.


تەراھ ئوغلى ئىبرام، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى) ۋە كېلىنى، يەنى ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھنى ئېلىپ، كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۇر شەھىرىدىن ئايرىلىپ، كەنئانغا كەتمەكچى بولدى. بىراق ئۇلار خاران دېگەن شەھەرگە كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى.


ئارىمىزدا پارتىيا، مېدىيا، ئېلام، مېسوپوتامىيە، يەھۇدىيە، كاپادوكىيا، پونتۇس، ئاسىيا،


پادىشاھ خانۇن ۋە خەلقى ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، 35 توننا كۈمۈشكە ئاررام-ناھارايىم، ئاررام-مائاكا ۋە زوباھتىكى خەلقلەردىن جەڭ ھارۋىلارنى لەشكەرلىرى بىلەن بىرگە ياللاپ ئالدى.


ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرق تەرەپتىكىلەرنىڭ زېمىنىغا كەلدى.


ئەي ئوغلۇم، سەن مېنىڭ دېگىنىمنى قىلغىن: دەرھال ھاران رايونىدىكى ئاكام لاباننىڭ يېنىغا قېچىپ كەتكىن.


ئۇ بىر كۈنى ئائىلىسىدىكى غوجىدارغا: _ قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ،


ئىبرام ساراھقا، ناخور ھاراننىڭ قىزى مىلكاھقا ئۆيلەندى. ھاراننىڭ يەنە يىسكاھ ئىسىملىك بىر قىزىمۇ بار ئىدى.


تەراھ 205 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، خاراندا ئالەمدىن ئۆتتى.


تۆگىلەر سۇنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ قىزنىڭ بۇرنىغا 6 گىراملىق ئالتۇن ھالقا تاقاپ، قولىغا 115 گىراملىق بىر جۈپ ئالتۇن بىلەزۈك سېلىپ قويدى.


ئارقىدىن ئۇ كىيىم-كېچەك، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان زىبۇ-زىننەت بۇيۇملارنى چىقىرىپ، رىبەقاغا سۇندى. ئاندىن ئاكىسى ۋە ئانىسىغىمۇ قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى بەردى.


ئۇ دالادىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا ئۈچ توپ قوينىڭ ياتقانلىقىنى كۆردى. قويچىلار قويلىرىنى شۇ قۇدۇقتىن سۇغىراتتى. قۇدۇقنىڭ ئاغزى يوغان بىر تاش بىلەن ئېتىپ قويۇلغانىدى.


تەراھ 70 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىبرام، ناخور ۋە ھاران قاتارلىق ئوغۇل پەرزەنتلەرنى كۆردى.


بىر مەزگىلدىن كېيىن ئىبراھىم ئىنىسى ناخورنىڭ ئايالى مىلكاھنىڭ سەككىز ئوغۇل تۇغقانلىقىنى ئاڭلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite