4 _ مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرمەن. ئايالىمنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن ماڭا بىر پارچە يەر سېتىپ بەرسەڭلار، _ دېدى.
ئۇ ۋەدە قىلىنغان جايغا بېرىپ، بۇ ياقا يۇرتتا چېدىرلاردا تۇرۇپ، ئېتىقادى بىلەن ياشىدى. خۇدانىڭ ئىبراھىمغا قىلغان ۋەدىسىنىڭ مىراسخورلىرى بولغان ئىسھاق ۋە ياقۇپلارمۇ شۇنداق چېدىرلاردا تۇردى.
بىز سېنىڭ ئالدىڭدا خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش پەقەت ئۆتكۈنچى مېھمانلاردۇرمىز، بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز خۇددى كۆلەڭگىدەك ئىزسىز تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
سەن ھازىر كەنئاندا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتىسەن. ئەمما بۇ زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئۇ سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنىڭ مەڭگۈلۈك مۈلكى بولىدۇ. مەن ئۇلارنىڭمۇ خۇداسى بولىمەن!
مۇساپىرمەن زېمىندا، ئەمرىڭنى يوشۇرما.
ئۇ ۋاقىتتا، خۇدا ئۇنىڭغا تەۋە بىر غېرىچمۇ يەر بەرمىگەنىدى. بىراق، ئىبراھىمنىڭ تېخىچە پەرزەنتى بولمىغان بولسىمۇ، خۇدا ۋەدە قىلىپ، بۇ زېمىننى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەرمەكچى بولدى.
ئى پەرۋەردىگار، قۇلاق سالغىن دۇئايىمغا، كۆڭۈل قويغىن مېنىڭ نالە-پەريادىمغا، سۈكۈت قىلىپ تۇرمىغىن كۆز ياشلىرىمغا، چۈنكى بىر مۇساپىرمەن سېنىڭ ئالدىڭدا، ئاتا-بوۋىلىرىمدەك غېرىبمەن بۇ پانىي دۇنيادا.
«يەر-زېمىنىڭلارنى مەڭگۈلۈككە ساتماڭلار، چۈنكى يەر مېنىڭدۇر. سىلەر پەقەت بىر يولۇچى، مېھمانلىرىمدۇرسىلەر.
بۇ ئۆڭكۈر كەنئاندىكى مامرەنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ماكپېلا دېگەن يەردە بولۇپ، ئىبراھىم بۇ ئۆڭكۈر بىلەن يەرنى خىتلاردىن بولغان ئەفروندىن قەبرە قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالغانىدى.
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر بۇ دۇنياغا پەقەت مۇساپىر ۋە مېھمانسىلەر. شۇڭا سىلەردىن ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى، ئۆزۈڭلارنى سىلەر بىلەن قارشىلىشىدىغان يامان ھەۋەسلەردىن تۇتۇۋېلىڭلار.
ئۇ چاغدا تەن تۇپراققا، روھ ھاياتلىق بەرگەن خۇداغا قايتىدۇ.
ئۇ چاغدا ئېگىزدىن قورقىسەن، يول ماڭساڭ ئالاقزادە بولىسەن، چاچلىرىڭ بادام چېچىكىدەك ئاقىرىدۇ، كۈچۈڭ خوراپ، ھەۋەسلىرىڭ يوقىلىدۇ. ئۇ چاغدا مەڭگۈلۈك ماكانىڭغا قايتىسەن، ھازا تۇتقانلار كوچىدا ئارقاڭدىن كېلىدۇ.
بىر باي ئادەم يۈز پەرزەنتلىك بولۇشى ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ ھاياتتىن قانائەت ھاسىل قىلالمىسا ياكى بۇ دۇنيادىن كەتكەندە ھۆرمىتى بىلەن كۆمۈلمىسە، مېنىڭچە بۇنداق ئادەمدىن ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈپ كەتكەن ھامىلە ياخشىراقتۇر.
بىلىمەن، سەن مېنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىسەن، بۇ سېنىڭ بارلىق ھاياتلىققا پۈتكەن قىسمىتىڭدۇر.
ئۇنىڭ جەسىتىنى كەنئانغا ئاپىرىپ، مامرەنىڭ شەرقىدىكى ماكپېلادىكى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. ئىبراھىم بۇ ئۆڭكۈر بىلەن يەرنى خىتلاردىن بولغان ئەفروندىن قەبرە قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالغانىدى.
ياقۇپ ئۇنىڭغا: _ مەن بۇ دۇنيادا 130 يىل ياشىدىم، ھاياتىم مۇساپىرچىلىق ئىچىدە جاپا-مۇشەققەتلىك ئۆتتى. مەن تېخى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېشىغا يەتمىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.
باش-كۆزۈڭ تەرگە چۆمگەندىلا تويغۇدەك بىر نەرسىگە ئىگە بولىسەن، تاكى سەن ئۆلۈپ تېنىڭ توپىغا ئايلىنىپ كەتكۈچە ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيسەن. تۇپراقتىن يارىتىلدىڭ ۋە تۇپراققا قايتىسەن!»
ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى شەكەم شەھىرىگە قايتۇرۇلۇپ، ئەجدادىمىز ئىبراھىم بۇرۇن ھامۇرنىڭ ئوغۇللىرىدىن سېتىۋالغان يەرلىككە قويۇلدى.
ئۇلار ئىبراھىمغا: _ جانابلىرى، قۇلاق سالسىلا! سىلى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئادەم، ئاياللىرىنى ئەڭ ياخشى يەرلىكلىرىمىزدىن بىرىگە دەپنە قىلغايلا. ھېچقايسىمىز سىلىدىن قەبرىلىك يەر ئايىمايمىز، _ دېدى.
زىپپورا بىر ئوغۇل تۇغدى. مۇسا «مەن ياقا يۇرتلۇق مۇساپىر ئىدىم» دەپ، بالىغا گېرشوم [ئىبرانىي تىلىدىكى «مۇساپىر» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى.