18 شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا توپلانغان خىتلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرنىڭ ئەمدى ئىبراھىمغا مەنسۇپ بولغانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.
ئۇنى بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېل ۋە توختامغا قول قويغان گۇۋاھچىلار، شۇنداقلا قاراۋۇلخانىنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغان باشقا كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ماخسېيانىڭ نەۋرىسى، يەنى نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇكقا تاپشۇرۇپ بەردىم.
بۇ ئارىدا بوئاز شەھەر دەرۋازىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئولتۇردى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزى ئېيتقان ئەلىمەلەكنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقىنىمۇ ئۇ يەردىن ئۆتۈپ قالدى. بوئاز ئۇنىڭغا: _ بۇرادەر، بۇ يەرگە كېلىپ ئولتۇرغىن! _ دەپ چاقىردى، ئۇ كېلىپ ئولتۇردى.
شۇنىڭ بىلەن خامور ۋە شەكەم شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى كىشىلەر يىغىلىدىغان جايغا بېرىپ، يۇرت ئەھلىگە:
كەنئاننىڭ تۇنجى ئوغلى سىدون بولۇپ، ئۇ سىدونلارنىڭ ئەجدادىدۇر. كەنئان يەنە خىتلارنىڭ ئەجدادىدۇر.
شۇ چاغدا ئەفرون باشقا خىتلار بىلەن بىرگە شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا:
شۇنداق قىلىپ، ئىبراھىم ئايالى سارەنى كەنئاننىڭ ماكپېلا دېگەن يېرىدىكى ئاشۇ ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى.
ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق بىلەن ئىسمائىل ئۇنى مامرەگە يېقىن بولغان ماكپېلادىكى ئېتىزلىقنىڭ چېتىگە جايلاشقان ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. بۇ يەر بۇرۇن خىتلاردىن بولغان زوخارنىڭ ئوغلىغا تەۋە ئىدى.
خامور بىلەن شەكەمنىڭ تەكلىپىنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلغان پۈتۈن يۇرت ئەھلى قۇۋۋەتلىدى. شۇنىڭ بىلەن شەھەردىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلدۇردى.