Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 23:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

17 شۇنداق قىلىپ، ئەفرون مامرەنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان ماكپېلادىكى ئۇ يەرنى ئىبراھىمنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇ يەر ئېتىز، ئۆڭكۈر ۋە ئېتىز قىرىدىكى دەل-دەرەخلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 23:17
14 Referans Kwoze  

ئۇنىڭ جەسىتىنى كەنئانغا ئاپىرىپ، مامرەنىڭ شەرقىدىكى ماكپېلادىكى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. ئىبراھىم بۇ ئۆڭكۈر بىلەن يەرنى خىتلاردىن بولغان ئەفروندىن قەبرە قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالغانىدى.


ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق بىلەن ئىسمائىل ئۇنى مامرەگە يېقىن بولغان ماكپېلادىكى ئېتىزلىقنىڭ چېتىگە جايلاشقان ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. بۇ يەر بۇرۇن خىتلاردىن بولغان زوخارنىڭ ئوغلىغا تەۋە ئىدى.


خىتلارغا مەنسۇپ بولغان بۇ ئېتىز ۋە ئېتىزلىقتىكى ئۆڭكۈر ئەمدى ئىبراھىمنىڭ قەبرىستانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىگە ئايلانغانىدى.


ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى شەكەم شەھىرىگە قايتۇرۇلۇپ، ئەجدادىمىز ئىبراھىم بۇرۇن ھامۇرنىڭ ئوغۇللىرىدىن سېتىۋالغان يەرلىككە قويۇلدى.


ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى ئىشلىتىپ، ھەربىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈڭلار.


شۇنىڭ ئۈچۈن، سۆز-ھەرىكىتىڭلارغا ئېھتىيات قىلىڭلار. بىلىمسىز نادانلاردەك ئەمەس، ئاقىللاردەك ياشاڭلار.


- مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، كەپتەردەك ساددا بولۇڭلار.


ساخاۋەتلىك، مەرد ئادەم بەختلىك بولار، ئادىل ئىش قىلىدىغانلار روناق تاپار.


مەن ۋاپات بولغاندا، مېنى مىسىردىن ئېلىپ كېتىپ، ئاتا-بوۋام دەپنە قىلىنغان يەرگە دەپنە قىل، _ دېدى. يۈسۈپ ئاتىسىغا: _ ۋەسىيىتىڭىزنى چوقۇم ئورۇندايمەن، _ دېدى.


ئىبراھىم خىتلاردىن سېتىۋالغان ئېتىزلىق دەل شۇ ئىدى. ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارەمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىدى.


سەن ئۇلارنى ئۆز ماكانلىرىغا ئېلىپ بارالامسەن؟ سەن ئۇ يەرلەرگە تۇتىشىدىغان يوللارنى بىلەمسەن؟


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite