Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 23:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئىبراھىم ئەفروننىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئېيتقىنى بويىچە ئۇنىڭغا يەرلىكلەرنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 400 كۈمۈش تەڭگە تۆلەپ بەردى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 23:16
18 Referans Kwoze  

ئاندىن مەن ئۇلارغا: _ ئەگەر سىلەر ماڭا ئىش ھەققى بېرىشنى لايىق كۆرسەڭلار، بېرىڭلار، بەرمىسەڭلارمۇ ئىختىيارىڭلار، _ دېدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە بەردى.


شۇنداق قىلىپ، مەن ئاناتوتتىكى ئېتىزلىقنى بىر نەۋرە قېرىندىشىم خانامئېلدىن سېتىۋالدىم. مەن ئۇ ئېتىزلىق ئۈچۈن ئىككى يۈز گىرام كۈمۈش تۆلىدىم.


بۇ يامان ئىشلاردا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئالداپ، ئۇلاردىن پايدىلىنىپ كەتمەڭلار. ئىلگىرى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغىنىمىزدەك، رەببىمىز مانا شۇنداق گۇناھلار تۈپەيلىدىن ئىنسانلارنى جازالايدۇ.


قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار.


مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە ئۆزئارا بىر-بىرىڭلارغا قەرزدار بولغاندىن باشقا، ھېچكىمگە ھېچقانداق قەرزدار بولماڭلار. چۈنكى، باشقىلارنى سۆيگەن كىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ.


باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتسەڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى مانا شۇ.


ئەقىل-پاراسەتنى ساپ ئالتۇنغا تېگىشكىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ قىممىتىنى كۈمۈش بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ.


رويخەتكە ئېلىنغانلار تۆلەيدىغان بەدەل پۇلى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە كىشى بېشىغا ئالتە گىرامدىن كۈمۈش بولسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيە ھېسابلانسۇن.


ئۆيگە قايتىش يولىمىزدا قونىدىغان يەرگە كېلىپ تاغارلارنى ئاچساق، پۇللىرىمىزنىڭ تاغارلىرىمىزدا ئۆز پېتى تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. ھازىر بۇ پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئەكەلدۇق.


_ جانابلىرى، ئۇ يەر ئاران 400 كۈمۈش تەڭگىگە ئەرزىيدۇ. بۇ سىلى بىلەن مېنىڭ ئارامدا قانچىلىك بىر ئىش ئىدى. ئاياللىرىنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلىۋەرگەيلا، _ دېدى.


ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى شەكەم شەھىرىگە قايتۇرۇلۇپ، ئەجدادىمىز ئىبراھىم بۇرۇن ھامۇرنىڭ ئوغۇللىرىدىن سېتىۋالغان يەرلىككە قويۇلدى.


ياقۇپ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دەپ تاپىلىدى: _ مېنىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتىمغا ئاز قالدى. سىلەر مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېنىغا، يەنى خىتلاردىن بولغان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلىڭلار.


ئۇنىڭ جەسىتىنى كەنئانغا ئاپىرىپ، مامرەنىڭ شەرقىدىكى ماكپېلادىكى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. ئىبراھىم بۇ ئۆڭكۈر بىلەن يەرنى خىتلاردىن بولغان ئەفروندىن قەبرە قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالغانىدى.


بېشىدىكى چېچى ئۇنىڭغا ئېغىر كەلگەچكە، ئۇ ھەر يىلى بىر قېتىم چېچىنى ئالدۇراتتى. ئالدۇرغان چېچىنى ئۆلچىسە، ئىككى كىلودىن ئارتۇق كېلەتتى.


مەن گۇۋاھچىلارنىڭ ئالدىدا سېتىۋېلىش توختامىغا ئىمزا قويۇپ، مۆھۈر بېسىپ، كۈمۈشنى تارازىدا ئۆلچەپ ئۇنىڭغا بەردىم.


لېكىن پادىشاھ ئاراۋناغا: _ ياق، مەن بۇلارنى ئۆز باھاسىدا سېتىۋالىمەن. بىكارغا كەلگەن نەرسىلەرنى پەرۋەردىگارىم خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت خامان ۋە بۇقىلارنى 50 كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite