13 ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىپ تۇرۇپ، ئەفرونغا: _ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، پۇلۇمنى قوبۇل قىلىپ، ئايالىمنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلىشقا رۇخسەت قىلغايلا، _ دېدى.
ئۆزۈڭلارنى مال-دۇنياغا ئۇرماڭلار. بارىغا قانائەت قىلىڭلار. تەۋراتتا خۇدا مۇنداق دېگەن: «سەندىن ئەسلا ئايرىلمايمەن، سېنى ئەسلا تاشلىمايمەن.»
ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئەقىل-پاراسىتىڭلارنى ئىشلىتىپ، ھەربىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈڭلار.
مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە ئۆزئارا بىر-بىرىڭلارغا قەرزدار بولغاندىن باشقا، ھېچكىمگە ھېچقانداق قەرزدار بولماڭلار. چۈنكى، باشقىلارنى سۆيگەن كىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ.
ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە مۇشۇنداق ئەجىر ئارقىلىق ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىش لازىملىقىنى كۆرسەتتىم. شۇنداق قىلساڭلار، رەببىمىز ئەيسا ئۆزى ئېيتقان: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەخت» دېگىنىنى ئېسىڭلاردىن چىقارمايسىلەر!
لېكىن پادىشاھ ئاراۋناغا: _ ياق، مەن بۇلارنى ئۆز باھاسىدا سېتىۋالىمەن. بىكارغا كەلگەن نەرسىلەرنى پەرۋەردىگارىم خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايمەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن داۋۇت خامان ۋە بۇقىلارنى 50 كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالدى.
لېكىن ئىبراھىم ئولتۇرغان ھەممە خىتلارغا تەزىم قىلىپ،
ئەفرون جاۋاب قايتۇرۇپ:
ئۇ بۇ يەرنى ھامۇرنىڭ ئوغۇللىرىدىن يۈز كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالغانىدى. (شەكەم خامورنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ بىرى ئىدى.)