Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 22:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئىسھاق: _ ئاتا، _ دەپ چاقىردى. ئىبراھىم: _ ھە، ئوغلۇم؟ _ دېدى. _ ئوت بىلەن ئوتۇن بار، لېكىن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىدىغان پاقلان قېنى؟ _ دەپ سورىدى ئىسھاق.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 22:7
12 Referans Kwoze  

ئەمدى سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھ سىلەرنى قۇل قىلىپ، قۇل خوجايىنىدىن قورققاندەك قورقۇنچقا سالمايدۇ. ئەكسىچە، سىلەر بۇ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئەتىۋارلاپ بېقىۋالغان پەرزەنتلىرى بولۇپ، خۇدانى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا!» دەپ چاقىرالايدىغان بولدۇڭلار.


ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا: - قىلىچنى غىلىپىڭغا سال! مېنى ئاتام ئەمر قىلغان بۇ ئازاب قەدىھىنى ئىچمەيدۇ دەمسەن؟ - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئىككىنچى قېتىم بېرىپ، يەنە دۇئا قىلىپ: - ئى ئاتا، ئەگەر مەن بۇ ئازاب قەدىھىنى ئىچمىگۈچە بۇ قەدەھ مەندىن يىراقلاشتۇرۇلمىسا، ئۇنداقتا سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، - دېدى.


ۋە سەل نېرىراق بېرىپ، يەرگە باش قويۇپ دۇئا قىلىپ: - ئى ئاتا، مۇمكىن بولسا بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن، بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، - دېدى.


سىلەر تۆۋەندىكىلەرنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە تاپىلاڭلار. مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئائىلە باشلىقى ئۆز ئائىلىسىنىڭ مەن خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشى ئۈچۈن بىر قوچقار ياكى تېكە تەييارلىسۇن.


نۇھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ھالال ھايۋان ۋە ئۇچار قاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن تاللاپ سويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.


ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى: - مانا بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر!


ئۇ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ: - قاراڭلار! خۇدانىڭ قۇربان قىلىنىدىغان قوزىسى! - دېدى.


دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان، بوغۇزلانغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلغانلاردىن باشقا، يەر يۈزىدە ياشايدىغان ھەممە ئىنسان ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ.


ئىبراھىم ئۇنىڭغا: _ ئەي ئوغلۇم، قۇربانلىق قىلىدىغان پاقلاننى خۇدا ئۆزى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئىككىيلەن توختىماي مېڭىۋەردى.


_ ھەر كۈنى قۇربانلىق سۇپىسىدا بىر ياشلىق پاقلاندىن ئىككىسى قۇربانلىق قىلىنسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite