5 ئۇ چاكارلىرىغا: _ سىلەر ئېشەك بىلەن بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار. بالام ئىككىمىز ئۇ يەرگە بېرىپ، ئىبادەت قىلىپ كېلەيلى، _ دېدى.
ئىبراھىم ئىسھاق ئۆلگەن تەقدىردىمۇ، خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىبراھىمغا نىسبەتەن خۇدا ئىسھاقنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، قايتۇرۇپ بەردى.
بىزگە ئېتىقاد بىلەن ياشاشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئاشۇ كىشىلەر خۇددى گۇۋاھچىلاردەك ئەتراپىمىزدا بولغانىكەن، بىزگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر خىل ئىشلاردىن ۋە بىزنى چىرمىۋالغان گۇناھلاردىن قول ئۈزۈپ، ئالدىمىزدىكى مۇساپىنى چىداملىق بىلەن بېسىپ ئۆتەيلى.
ئۈچىنچى كۈنى ئىبراھىم ئۇ يەرنى يىراقتىن كۆردى.
ئىبراھىم ئىسھاققا ئوتۇنلارنى كۆتۈرتۈپ، ئۆزى قولىغا پىچاق بىلەن ئوتنى ئېلىپ، بىرلىكتە ئالدىغا قاراپ، يۈرۈپ كەتتى.
ئىبراھىم چاكارلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىرگە بەئەرشەباغا قايتتى. ئىبراھىم داۋاملىق شۇ يەردە ياشاپ قالدى.
مېڭىش ئالدىدا مۇسا ئىسرائىل ئاقساقاللىرىغا: _ بىز قايتىپ كەلگۈچە، سىلەر بۇ يەردە بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار. ھارۇن بىلەن خۇر سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا قالىدۇ. بىرەر تالاش-تارتىش چىقسا، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھەل قىلىڭلار، _ دېدى.