15 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككىنچى قېتىم ئاسماندىن ئىبراھىمغا:
پەرىشتىنىڭ سۈرىتىدە كەلگەن پەرۋەردىگار ھەجەرنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا كۆردى. بۇلاق شۇر دېگەن يەرگە بارىدىغان يولنىڭ بويىدا ئىدى.
پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى: _ مەن سېنىڭ ئەۋلادىڭنى شۇنداق كۆپەيتىمەنكى، ئۇلارنىڭ سانىنى ھېچكىم سانىيالمايدۇ.
شۇڭا ئىبراھىم بۇ يەرنى «ياھۋەھ-يىرەھ» [مەنىسى «پەرۋەردىگار تەمىنلەيدۇ»] دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆز «پەرۋەردىگار ئۆز تېغىدا تەمىنلەيدۇ» دېگەن تەمسىلگە ئايلاندى. بۇ تەمسىل شۇندىن بېرى ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.
_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى ئايىمىغانىكەنسەن، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،
خۇدانىڭ پەرىشتىسى چۈشۈمدە: «ئەي ياقۇپ!» دېدى. مەن: «لەببەي!» دېدىم.
مېنى پۈتۈن بالا-قازالاردىن قۇتقۇزغان پەرىشتە ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلغاي. مېنىڭ نامىم ۋە ئاتا-بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئىسھاقنىڭ نامى بۇ بالىلار ئارقىلىق مەڭگۈ داۋاملاشقاي. ئۇلار نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، يەر يۈزىدە گۈللەپ ياشنىغاي.»
ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى تۇيۇقسىز چاتقاللىقتىكى يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوت ئىچىدىن ئۇنىڭغا كۆرۈندى. ئۇ كۆردىكى، چاتقاللىقتا ئوت كۆيۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما چاتقاللىق كۆيمەيۋاتاتتى.
مەن ياقۇپ بىلەن، شۇنداقلا بۇرۇن ئىبراھىم ۋە ئىسھاق بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ھەم بۇ زېمىننى ئەسكە ئالىمەن.
مېھمانلاردىن بىرى، يەنى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا مەن يەنە چوقۇم كېلىمەن. شۇ چاغدا ئايالىڭ سارە بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ، _ دېدى. سارە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى چېدىردا ئىشىك تۈۋىدە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.
مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتتۇر. مېنىڭ سۆزلىرىم ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ، پۈتكۈل ئىنسان ماڭا تىزلىنىدۇ، ھەربىر ئىنسان ماڭا سادىق بولىدىغانغا قەسەم ئىچىدۇ.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يوشۇۋاغا كەسكىن قىلىپ، مۇنداق دېدى:
ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن پەرۋەردىگار يېرۇسالېم خەلقىنى قوغدايمەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئاجىزلىرىمۇ پادىشاھ داۋۇتتەك كۈچلۈك بولىدۇ. داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى خەلقنىڭ ئالدىدا خۇددى ماڭا ۋە مېنىڭ پەرىشتەمگە ئوخشاش يول باشلايدۇ.
قىرىق يىلدىن كېيىن، مۇسا پەيغەمبەرگە سىناي تېغىنىڭ يېنىدىكى چۆلدە كۆيۈۋاتقان تىكەنلىكنىڭ ئوت يالقۇنىدا بىر پەرىشتە كۆرۈندى.
خۇدادىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھېچكىم بولمىغاچقا، خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغاندا، ئۆز نامى بىلەن قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى:
دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، مەن كۆرگەن ئۇ پەرىشتە ئوڭ قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ،