Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 22:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 شۇڭا ئىبراھىم بۇ يەرنى «ياھۋەھ-يىرەھ» [مەنىسى «پەرۋەردىگار تەمىنلەيدۇ»] دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆز «پەرۋەردىگار ئۆز تېغىدا تەمىنلەيدۇ» دېگەن تەمسىلگە ئايلاندى. بۇ تەمسىل شۇندىن بېرى ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 22:14
19 Referans Kwoze  

ئىبراھىم ئارقىسىغا قارىۋىدى، مۈڭگۈزى چاتقالغا ئېلىشىپ قالغان بىر قوچقارنى كۆردى. ئۇ بېرىپ قوچقارنى ئەكېلىپ، ئۇنى ئوغلىنىڭ ئورنىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.


شۇنىڭ بىلەن مۇسا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭ نامىنى «ياھۋەھ-نىسسە» [مەنىسى «پەرۋەردىگار مېنىڭ تۇغۇمدۇر»] دەپ ئاتىدى.


گىدئون ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭ نامىنى ياھۋەھ-شالوم [مەنىسى «پەرۋەردىگار _ ئامانلىق»] دەپ قويدى. شۇنىڭدىن بېرى بۇ قۇربانلىق سۇپىسى ئابىئەزەرلەرنىڭ ئوفراھ دېگەن يېرىدە تۇرماقتا.


ئىبراھىم ئۇنىڭغا: _ ئەي ئوغلۇم، قۇربانلىق قىلىدىغان پاقلاننى خۇدا ئۆزى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئىككىيلەن توختىماي مېڭىۋەردى.


شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل مىزپاھ بىلەن شېن دېگەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تاشنى تىكلىدى ۋە بۇنى «ئەبەنەزەر» [مەنىسى ياردەم تېشى] دەپ ئاتىدى. ئۇ: _ بۇ چاغقىچە پەرۋەردىگار بىزگە ياردەم قىلىپ كەلدى، _ دېدى.


بۇ يەرنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى لۇز بولسىمۇ، ياقۇپ ئۇنى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى.


ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.


شەھەر سېپىلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى جەمئىي 9 كىلومېتىر بولسۇن. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ شەھەرنىڭ ئىسمى «ياھۋەھ شامماھ» [مەنىسى «پەرۋەردىگار مۇشۇ يەردىدۇر»] دەپ ئاتالسۇن.


پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ھالىدىن كەتكەندە، قۇللارمۇ، ھۆر ئادەملەرمۇ نابۇت بولغاندا، پەرۋەردىگار خىزمەتكارلىرىغا رەھىم قىلىدۇ، ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ.


ياقۇپ ئىچىدە: _ مەن خۇدا بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشكەن بولساممۇ، جېنىم ساق قالدى! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ يەرنىڭ نامىنى پىنىئەل [مەنىسى «خۇدانىڭ يۈزى»] دەپ ئاتىدى.


«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق.


ئەي سىئون خەلقى، سىلەر تولغىقى تۇتقان ئايالدەك قاتتىق ئىڭراڭلار، چۈنكى سىلەر ئەمدى بۇ شەھەردىن ئايرىلىسىلەر. دالادا ياشايسىلەر، ئەسىرگە ئېلىنىپ بابىلغا ئەكېتىلىسىلەر. كېيىن پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۇ يەردە قۇتقۇزىدۇ، دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككىنچى قېتىم ئاسماندىن ئىبراھىمغا:


شۇڭا سىز ۋە سىزگە ئەگىشىپ كەلگەنلەر ئەتە سەھەر تۇرۇڭلار، تاڭ ئېتىشى بىلەنلا بۇ يەردىن كېتىڭلار، _ دېدى ئاكىش.


پەرۋەردىگار ئىلياس پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite