13 ئىبراھىم ئارقىسىغا قارىۋىدى، مۈڭگۈزى چاتقالغا ئېلىشىپ قالغان بىر قوچقارنى كۆردى. ئۇ بېرىپ قوچقارنى ئەكېلىپ، ئۇنى ئوغلىنىڭ ئورنىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.
سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارغا باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن. خۇدا ئىشەنچلىكتۇر! ئۇ سىلەرنى بەرداشلىق بېرىش چېكىڭلاردىن ھالقىغان سىناقلارغا ئۇچراتمايدۇ. خۇدا سىلەرنىڭ سىناققا دۇچ كەلگەندە پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
سىلەر توغرا يولدىن ئېزىپ، ئوڭغا ياكى سولغا چەتنەپ كەتسەڭلار، ئارقاڭلاردىن كەلگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلايسىلەر: «ئۇدۇلغا مېڭىڭلار! ئۇ توغرا يول!»
ئىبراھىم ئۇنىڭغا: _ ئەي ئوغلۇم، قۇربانلىق قىلىدىغان پاقلاننى خۇدا ئۆزى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئىككىيلەن توختىماي مېڭىۋەردى.
پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: _ قولۇڭنى تارت! بالىغا چېقىلما! سېنىڭ ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىكىڭنى ئەمدى بىلدىم. چۈنكى سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنىمۇ مەندىن ئايىمىدىڭ، _ دېدى.
شۇڭا ئىبراھىم بۇ يەرنى «ياھۋەھ-يىرەھ» [مەنىسى «پەرۋەردىگار تەمىنلەيدۇ»] دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ سۆز «پەرۋەردىگار ئۆز تېغىدا تەمىنلەيدۇ» دېگەن تەمسىلگە ئايلاندى. بۇ تەمسىل شۇندىن بېرى ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.