Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 22:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇنىڭغا: _ قولۇڭنى تارت! بالىغا چېقىلما! سېنىڭ ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىكىڭنى ئەمدى بىلدىم. چۈنكى سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنىمۇ مەندىن ئايىمىدىڭ، _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 22:12
42 Referans Kwoze  

لېكىن، بەزىلەر: «مەندە ئېتىقاد بولسىلا بولدى» دېسە، بەزىلەر: «ئېتىقاد بىلەن ئەمەلىيەت بىرگە بولۇشى كېرەك» دەپ ئۆزئارا تالىشىشى مۇمكىن. مەن ئاشۇ «مەندە ئېتىقاد بولسىلا بولدى» دېگۈچىلەرگە: «ئەگەر سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭ بولمىسا، ئۆز ئېتىقادىڭنى نامايان قىلالمايسەن. بىراق، مەن ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق ئۆز ئېتىقادىمنى نامايان قىلالايمەن» دەپ جاۋاب بېرىمەن.


سامۇئىل: _ پەرۋەردىگار كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى قىلىشىنى ياخشى كۆرەمدۇ ياكى ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشنىمۇ؟ بىلگىنكى، ئىتائەت قىلىش قۇربانلىق قىلىشتىن ياخشىدۇر. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش قوچقارنىڭ مېيىنى كۆيدۈرۈپ ھەدىيە قىلىشتىن ئەۋزەلدۇر.


ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا ئەۋەتكەن خۇدا بارلىقىنى بىزگە ئاتا قىلماي قالامدۇ؟


سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارغا باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن. خۇدا ئىشەنچلىكتۇر! ئۇ سىلەرنى بەرداشلىق بېرىش چېكىڭلاردىن ھالقىغان سىناقلارغا ئۇچراتمايدۇ. خۇدا سىلەرنىڭ سىناققا دۇچ كەلگەندە پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ.


مېنى دەپ ئۆيلىرى، قېرىنداشلىرى، ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى يوقاتقانلىرىدىن يۈز ھەسسە ئارتۇقراققا ئېرىشىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.


ھەممىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، مەن مۇنداق خۇلاسىغا كەلدىم: خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، مانا بۇلار ئىنسان ھاياتىغا ھەقىقىي مەنە بېرىدۇ.


چۈنكى ئىبراھىم ماڭا ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلدى.


خۇدا ئۇنىڭغا: _ سەن ئوغلۇڭنى، يەنى ئامراق يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا رايونىغا بارغىن. مەن ئۇ يەردە ساڭا بىر تاغنى كۆرسىتىمەن، سەن شۇ تاغنىڭ ئۈستىدە ئوغلۇڭنى ماڭا ئاتاپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلغىن، _ دېدى.


چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى.


پەرۋەردىگار سۆيۈنەر ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلاردىن، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردىن.


ئەگەر كىمكى ئىخلاس قىلسا پەرۋەردىگارغا، دۇرۇس يولنى ئۆگىتەر ئۇنىڭغا خۇدا.


ئەيسا مەسىھ بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدىلا، بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى. مانا بۇ ئارقىلىق خۇدا ئۆزىنىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىسپاتلىدى.


بىر كىشى رازىمەنلىك بىلەن چامىسىنىڭ يېتىشىچە بەرسە، بۇ ئىش خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. خۇدا ھەرگىزمۇ بىركىمدىن ئۆزىدە يوقىنىمۇ بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ.


ئۇ چاغدا، يەھۇدىيە، جەلىلىيە ۋە سامارىيىلەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى بىر مەزگىل تىنچلىققا ئېرىشتى. مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلارنىڭ ئېتىقادى كۈچىيىپ، ھەمىشە ئىخلاسمەنلىك بىلەن خۇدا يولىدا ماڭدى. ئۇلارنىڭ سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى.


پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ئەقىل-ئىدراكنىڭ باشلىنىشىدۇر. ئەخمەقلەر دانالىق ۋە تەلىم-تەربىيىنى كەمسىتىدۇ.


خۇدا ئۆزىگە ئىخلاس قىلغانلارنى دوست تۇتار، ئۇلارغا ئۆز ئەھدىسىنى ئېنىق تونۇتار.


مۇسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: _ قورقماڭلار، خۇدانىڭ بۇ يەرگە كېلىشى سىلەرنى سىناش ۋە سىلەرنىڭ ھەمىشە ئۆزىدىن قورقۇپ، گۇناھتىن خالىي بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر، _ دېدى.


كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى: - كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن!


ئۇلار بائالنىڭ بۇتلىرىغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىدىغان سەجدىگاھلارنى ياسىدى ۋە ئۆز بالىلىرىنى ئۇ يەردە قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈۋەتتى! مەن ئەزەلدىن ئۇلارغا بۇنداق قۇربانلىق قىلىشنى ئەمر قىلمىغان ۋە ئۇلارغا ئېيتىپمۇ باقمىغان، ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان!


خۇدا ئىنسانلارغا شۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىك دانالىقتۇر، رەزىللىكتىن يىراق تۇرۇش ئەقىل-پاراسەتتۇر.»


بۇرۇنقى باشلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلققە ئالۋان-سېلىق سالغانىدى. ئۇلار خەلقتىن يېمەكلىك، شاراب ۋە قىرىق كۈمۈش تەڭگە ئالاتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرىمۇ خەلققە زۇلۇم سالغانىدى. لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىم، چۈنكى مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئىدىم.


ئىبراھىم مۇنداق جاۋاب بەردى: _ مەن بۇ يەرنىڭ ئادەملىرىنى خۇدادىن قورقمايدۇ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئايالىمنى بۇلاپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم.


شۇنىڭ ئۈچۈن، زىلزىلىگە كەلتۈرۈلمەيدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولغىنىمىزدىن مىننەتدار بولۇپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھۆرمەت ۋە ئەيمىنىش بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلايلى.


خۇددى شۇنىڭدەك، سىلەرنىڭ نۇرۇڭلار ئىنسانلار ئالدىدا شۇنداق چاقنىسۇنكى، ئۇلار سىلەرنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ، ئەرشتىكى ئاتاڭلارغا مەدھىيىلەر ئوقۇسۇن.


ئەمما مېنىڭ نامىمنى ھۆرمەتلىگەن سىلەرگە بولسا ئادالەتنىڭ قۇياشى چىقىپ، شىپالىق نۇرلىرىنى چاچىدۇ. سىلەر يايلاققا قويۇۋېتىلگەن موزايلاردەك شادلىنىپ، سەكرەپ يۈرىسىلەر.


مەن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن. ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ھەرگىز توختىتىپ قويمايمەن. قەلبلىرىنى ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىك بىلەن تولدۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەرگىز مەندىن يۈز ئۆرۈمەيدۇ.


دانالىق پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىكتىن باشلىنۇر، ئەمرىگە ئەمەل قىلغۇچىلار ھېكمەتلىك بولۇر. پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەمدۇسانالار مەڭگۈلۈك بولۇر.


پەرۋەردىگارغا ئەيمىنىپ ئىتائەت قىلىڭلار، شادلىنىڭلار ھەم خۇدادىن قورقۇڭلار.


پەرۋەردىگار يورۇتار ھەققانىيلار يولىنى، يامانلار يولى باشلار ھالاكەتكە ئۇلارنى.


ئالتە قېتىم بالا-قازاغا ئۇچرىساڭمۇ خۇدا سېنى قۇتقۇزىدۇ، يەتتىنچى قېتىم بېشىڭغا ئاپەت كەلسىمۇ، ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ.


ئىبراھىم ئىسھاق ئۆلگەن تەقدىردىمۇ، خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەندى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىبراھىمغا نىسبەتەن خۇدا ئىسھاقنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈپ، قايتۇرۇپ بەردى.


ئۈچىنچى كۈنى يۈسۈپ ئۇلارغا: _ مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەممەن. ئەگەر سىلەر مېنىڭ شەرتىمنى قوبۇل قىلساڭلار، بىر قوشۇق قېنىڭلاردىن كېچىمەن.


ئۇنىڭدىن كېيىن، تەختتىن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز مۇنداق دېدى: «ئەي خۇدانىڭ پۈتكۈل خىزمەتكارلىرى، ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىگەن كاتتا ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى مەدھىيىلەڭلار!»


ئىبراھىم ئارقىسىغا قارىۋىدى، مۈڭگۈزى چاتقالغا ئېلىشىپ قالغان بىر قوچقارنى كۆردى. ئۇ بېرىپ قوچقارنى ئەكېلىپ، ئۇنى ئوغلىنىڭ ئورنىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى.


_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى ئايىمىغانىكەنسەن، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،


ئۇز دىيارىدا ئايۇپ ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەنىدى. ئۇ قۇسۇرسىز، دۇرۇس، خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، يامانلىقتىن يىراق تۇراتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite