6 سارە ئۆزىگە: «خۇدا ماڭا شادلىق ئاتا قىلىپ، مېنى كۈلدۈردى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەم مەن بىلەن بىرگە خۇش بولۇپ كۈلىدۇ!
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي بالا تۇغمىغان، پەرزەنتسىز ئايال! تەنتەنە قىلغىن، ئەي تولغاق ئازابىنى كۆرمىگەن ئايال! شادلىق ناخشاڭنى ياڭراتقىن، چۈنكى تاشلاپ كېتىلگەن ئايالنىڭ بالىلىرى، ئېرى بار ئايالنىڭ بالىلىرىدىن كۆپ بولىدۇ.
خۇشاللىقتىن ئاغزىمىز يېتىپ قۇلىقىمىزغا، چۇقانلار كۆتەرگەنىدۇق شادلىقتا. «پەرۋەردىگار زور بىر ياخشىلىق قىلدى ئۇلارغا»، دېگەن سۆزلەر تارقالغانىدى يات ئەللەر ئارىسىدا.
ئىبراھىم بۇنى ئاڭلاپ، يەرگە باش قويدى. لېكىن ئۇ كۈلۈپ، كۆڭلىدە «100 ياشلىق بوۋاي قانداقمۇ پەرزەنت كۆرەلىسۇن؟! سارە 90 ياشقا كىرگەن تۇرسا، قانداقمۇ ھامىلىدار بولالىسۇن؟» دەپ ئويلىدى
خۇدانىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە كاتتا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خۇشاللىققا چۆمدى.
ئۇ ساڭا خۇشال-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر خۇرسەن بولۇشىدۇ.
شۇ چاغدا سەن كۆڭلۈڭدە شۇنداق ئويلايسەن: ‹ئۇلارنى كىم ماڭا تۇغۇپ بەردى؟ مېنىڭ بالىلىرىم ئۆلتۈرۈلگەن، مەن تۇغماس بولۇپ قالغانىدىم، مەن سىرتلاردا سەرسان بولۇپ، خار بولۇپ يۈرگەنىدىم، ئۇلارنى كىم ماڭا بېقىپ چوڭ قىلىپ بەردى؟ مەن يالغۇز قالغان ئىدىمغۇ، ئۇلار قەيەرلەردىن كېلىپ قالدى؟›»
ئۇ شادلىق بېغىشلار تۇغماس ئايالغا، ئۆز ئۆيىدە قۇچىقىنى تولدۇرار بالىغا. ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا.
خۇشال بولغانلار بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار، قايغۇرغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇڭلار.
گەرچە ئىبراھىم ياشىنىپ قالغان، ئايالى سارە بولسا تۇغۇت يېشىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادى ۋەجىدىن، خۇدا ئۇنىڭغا پەرزەنت كۆرۈش شەرىپىنى ئاتا قىلدى. ئۇ ئۆزىگە ۋەدە قىلغان خۇدانىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.
ھاننا روھانىي ئەلىگە: _ تەقسىر، مەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇرۇن بۇ يەردە، يانلىرىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلغان ھېلىقى ئايال دەل مەن بولىمەن.
پەرۋەردىگارىم مۇنداق دەيدۇ: «ئانا قانداقمۇ ئېمىۋاتقان بالىسىنى ئۇنتۇپ قالسۇن؟ ئۆزى تۇغقان بالىسىغا قانداقمۇ رەھىمدىللىك كۆرسەتمىسۇن؟ ئانا ئۆزى تۇغقان بالىسىنى ئۇنتۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، مەن سېنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن.
دادامنى بەك خۇشال قىلىپ: ‹ئوغۇل كۆردىڭىز!› دەپ خەۋەر يەتكۈزگەن ئادەمگە قارغىش بولسۇن.