Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 21:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 خۇدا ئەمر قىلغاندەك، ئىسھاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى ئىبراھىم ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 21:4
9 Referans Kwoze  

كېيىن، خۇدا ئىبراھىمغا: «سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ بەلگىسى خەتنە قىلىش بولسۇن» دېدى. ئەجدادىمىز ئىبراھىمدىن ئىسھاق تۆرەلدى. ئۇ تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى، خەتنىسى قىلىندى. ئىسھاقتىن ئىسرائىللارنىڭ ئاتىسى بولغان ياقۇپ تۆرەلدى. ياقۇپتىن ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بوۋىلىرى بولغان ئون ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلارنىڭمۇ خەتنىسى قىلىندى.


بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى، ئۇنىڭ خەتنىسى قىلىندى ۋە ئەيسا دەپ ئىسىم قويۇلدى. بۇ، پەرىشتە ئۇ تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا پەيدا بولمىغان ۋاقىتتىلا قويغان ئىسىم ئىدى.


بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا، ئۇرۇق-تۇغقانلار كېلىپ، بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا زەكەرىيا دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى بولۇشتى.


ئۇلار ئىككىلىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس كىشىلەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پۈتۈن ئەمر-پەرمانلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلاتتى.


مەن يەتكۈزگەن بۇ بارلىق ئەمرلەرگە كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلىڭلار. ئۇلارغا بىر نەرسە قوشماڭلار ياكى چىقىرىۋەتمەڭلار.


ئوغۇل بوۋاق سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلىنسۇن.


ئەگەر ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى خالىسا، ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىدىكى پۈتۈن ئەرلەرنى خەتنە قىلدۇرسۇن. شۇنداق قىلغاندا، ئۇلارمۇ ئىسرائىللارغا ئوخشاش بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزەلەيدۇ. لېكىن خەتنە قىلىنمىغانلار قۇربانلىق قوينىڭ گۆشىنى يېمىسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite