26 ئابىمەلەك: _ بۇ ئىشنى كىمنىڭ قىلغىنىدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن. سەنمۇ بۇ ئىشنى ماڭا ئېيتماپسەن، بۇنى بىرىنچى قېتىم ئاڭلىشىم، _ دېدى.
ئۇلارنىڭ پادىچىلىرىنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقىشقا باشلىدى. (بۇ چاغدا كەنئانلار بىلەن پەرىززىلەر يەنىلا شۇ يەرلەردە ياشايتتى.)
ئاندىن ئىبراھىم ئابىمەلەكنىڭ چاكارلىرى تارتىۋالغان بىر قۇدۇق توغرىسىدا ئابىمەلەككە ئەرز قىلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئىبراھىم ئابىمەلەككە قوي ۋە كالا تەقدىم قىلدى. ئىككىيلەن كېلىشىم تۈزدى.