25 ئاندىن ئىبراھىم ئابىمەلەكنىڭ چاكارلىرى تارتىۋالغان بىر قۇدۇق توغرىسىدا ئابىمەلەككە ئەرز قىلدى.
- ئەگەر قېرىندىشىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ سەۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەر. ھەرقانداق ئىش ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدىلا قالسۇن. قېرىندىشىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلىسا، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋالغان بولىسەن.
ئاشكارا تەنبىھ يوشۇرۇن مۇھەببەتتىن ئەلادۇر.
مۇنازىرىلەش يېقىنىڭ بىلەن سېنىڭ ھەق بولسا، لېكىن باشقىلارنىڭ سىرىنى ئاچما.
بېرىلگەن بىر ئېغىز تەنبىھ داناغا، ئۈنۈملۈك بولار ئۇرۇلغان يۈز دەررىدىن نادانغا.
ئاكساھ: _ مەن پەقەت بىرلا نەرسە تەلەپ قىلىپ كەلدىم. ئاتا، ماڭا بۇلىقى بار يەرلەردىن بەرسىڭىز، چۈنكى ماڭا بەرگەن يەرلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي چۆللۈكتىكى يەرلەر ئىكەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن كالىب يۇقىرى ۋە تۆۋەندىكى بۇلاقلارنى ئۇنىڭغا بەردى.
ئۇلار: _ بولمايدۇ، ھەممە قويچىلار قويلىرىنى ھەيدەپ كېلىپ، بىرلىكتە قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى دومىلىتىۋەتمىگۈچە، قويلىرىمىزنى سۇغىرالمايمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.
ئۇلارنىڭ پادىچىلىرىنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقىشقا باشلىدى. (بۇ چاغدا كەنئانلار بىلەن پەرىززىلەر يەنىلا شۇ يەرلەردە ياشايتتى.)
ئىبراھىم ئۇلارغا: _ بولىدۇ، قەسەم قىلىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.
ئابىمەلەك: _ بۇ ئىشنى كىمنىڭ قىلغىنىدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن. سەنمۇ بۇ ئىشنى ماڭا ئېيتماپسەن، بۇنى بىرىنچى قېتىم ئاڭلىشىم، _ دېدى.