Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 21:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 بالا چوڭ بولغۇچە خۇدا ئۇنىڭغا يار بولدى. ئۇ چۆلدە ياشاپ، ئۇستا مەرگەن بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 21:20
13 Referans Kwoze  

مەن ساڭا يار بولىمەن. سەن قەيەرگە بارساڭ، سېنى شۇ يەردە قوغدايمەن ھەمدە سېنى بۇ يەرگە قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. سېنى ھەرگىز تاشلىمايمەن، ساڭا بەرگەن ۋەدەمنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمەن!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.


لېكىن پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتى. شۇڭا زىندان بېشى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ،


سېنىڭ ئوغلۇڭ كۆندۈرۈلمىگەن ياۋايى ئېشەكتەك ياشايدۇ، ئۇ ھەممىگە قارشى قول كۆتۈرىدۇ، كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا قارشى قول كۆتۈرىدۇ. ئۇ تۇغقانلىرىغا ئۆچمەنلىك قىلىپ ياشايدۇ.


يەھيا كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولۇپ، روھىي جەھەتتىن يېتىلىپ قالدى. ئۇ ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى باشلىغۇچە، چۆللەردە ياشاپ كەلدى.


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇ يەردە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: _ ئەي باتۇر ئەزىمەت! پەرۋەردىگار ساڭا ياردۇر! _ دېدى.


ئىككى بالا چوڭ بولدى. ئەساۋ ئۇستا ئوۋچى بولۇپ، دالادا يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى. لېكىن ئىنىسى ياقۇپ ھەمىشە ئۆيدە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان جىمغۇر ئادەم ئىدى.


لېكىن مەن تەلىپىڭنى ئاڭلىدىم، ئىسمائىلغىمۇ بەخت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ نەسلىنى ناھايىتى كۆپ قىلىمەن. ئۇ 12 پادىشاھنىڭ ئاتىسى بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلۇغ بىر ئەلگە ئايلاندۇرىمەن.


ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ باتۇر ئوۋچى ئىدى. شۇڭا كىشىلەر ئارىسىدا «پەرۋەردىگار سېنى نىمرودتەك باتۇر ئوۋچى قىلسۇن!» دېگەن سۆز تارقالغانىدى.


سەن ئوقيايىڭنى ئېلىپ، دالاغا چىقىپ ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ،


ھەزرىتى ئەيسا چوڭ بولغانسېرى ساغلام ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇپ يېتىشتى. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ ئۇنىڭغا يار بولۇپ كەلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite