Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 21:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15-16 ھەجەر سۈيى تۈگىگەندە، بالىسىنى چاتقالنىڭ سايىسىگە قالدۇرۇپ قويۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «مەن قاراپ تۇرۇپ بالامنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە چىدىمايمەن!» دەپ، بىر ئوقيا يېتىم يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇپ، دەرد-پەرياد قىلىشقا باشلىدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 21:15
9 Referans Kwoze  

بايلار خىزمەتكارلىرىنى سۇغا ئەۋەتىدۇ. ئۇلار قۇدۇقلارغا بارىدۇ، ئەمما سۇ تاپالماي، ئىدىشلىرى قۇرۇق ھالدا قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئۈمىدسىزلىنىپ، ئازابلىنىپ، باشلىرىنى چاڭگاللىشدۇ.


پەرۋەردىگارىم ئېتىقاد قىلىمەن ساڭا، ئىزدەيمەن سېنى ئىنتىزار بولۇپ ئى خۇدا. سۇغا تەشنا بولغان قۇرغاق، قاقاس يەر كەبى، تەشنا بولدۇم ئۆزۈڭگە، ۋۇجۇدۇم ئىنتىلەر ساڭا.


شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە ۋە ئىدوم پادىشاھلىرى بىرگە يولغا چىقتى. لېكىن ئۇلار يەتتە كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، قوشۇنلىرى ۋە ئات-ئۇلاغلىرىنىڭ ئىچىدىغان سۈيى قالمىدى.


بۇت ياسايدىغان تۆمۈرچى مېتال ئەسۋاب بىلەن بۇيۇمنى ئوتقا سېلىپ قىزىتىدۇ، بولقىسى بىلەن سوقۇپ، ئۇنى ياسايدۇ، قولىنىڭ كۈچى بىلەن ئىشلەيدۇ، قورسىقى ئېچىپ ۋە ھېرىپ كېتىدۇ، ئۇ چاڭقاپ مادارىدىن كېتىدۇ.


ئەتىسى سەھەردە ئىبراھىم بىر خۇرجۇن نان ۋە بىر تۇلۇم سۇ تەييارلاپ، ئۇلارنى ھەجەرنىڭ مۈرىسىگە ئارتىپ، ئانا-بالا ئىككىسىنى يولغا سېلىپ قويدى. ھەجەر بالىسى بىلەن ئۆيدىن چىقىپ، بەئەرشەبا چۆلىگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئادىشىپ قالدى.


ئايال: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارىڭىز خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەندە نان قالمىدى. ئىدىشىمدا بىر چاڭگال ئۇن، كوزامدا ئازغىنا ماي قالدى. مانا، مەن ھازىر ئوتۇن تېرىۋاتىمەن، قايتىپ بېرىپ، ئۆزۈمگە ۋە ئوغلۇمغا ئاخىرقى غىزانى تەييارلايمەن. تاماقنى يەپ بولساقلا ئۆلۈمنى كۈتىمىز، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite