Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 21:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 لېكىن خۇدا ئىبراھىمغا: _ ئوغلۇڭ ۋە دېدىكىڭنىڭ ئىشى توغرۇلۇق قايغۇرما، سارەنىڭ دېگىنىدەك قىل. چۈنكى مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئەۋلادلىرىڭ ئىسھاقتىن ئاپىرىدە بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 21:12
8 Referans Kwoze  

لېكىن خۇدا مۇنداق دېدى: _ ياق، ئايالىڭ سارە ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] قوي. مەن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن.


ھازىر ئۇلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغىن. بىراق ئۇلارنى شۇنداق قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويغىنكى، ئۇلار تەلەپ قىلغان پادىشاھنىڭ ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قالسۇن!


پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: سەن خەلقنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سالغىن! ئۇلار سېنى ئەمەس، بەلكى مېنى تەرك ئەتتى. ئۇلار مېنىڭ ئۇلارغا داۋاملىق پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمايدۇ.


مەن كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن، تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن. مەن پىلانلىغان ھەرقانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن. مەن خالىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.


بىراق مەن ئەھدەمنى تۇغۇلىدىغان ئوغلۇڭ ئىسھاق بىلەن تۈزىمەن. كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا سارە ئۇنى تۇغىدۇ.


لېكىن، مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە دەپ يېزىلغان؟ ئۇنىڭدا: «سەن بۇ دېدەك ئايالىڭنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى دېدەك ئايالىڭنىڭ ئوغلى ھەرگىز ئەركىن ئايالىڭدىن بولغان ئوغۇل بىلەن مىراسقا ئورتاق بولۇپ قالمىسۇن» دەپ يېزىلغان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite