Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 21:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 شۇنىڭ بىلەن سارە ئىبراھىمغا: _ سەن بۇ دېدەك ئايالنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى بۇ دېدەكنىڭ ئوغلى ھەرگىز مېنىڭ ئوغلۇم ئىسھاق بىلەن ئورتاق مىراسخور بولۇپ قالمىسۇن! _ دېدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 21:10
17 Referans Kwoze  

- قۇل ئائىلىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسى بولالمايدۇ. ئوغۇل بولسا شۇ ئائىلىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسىدۇر.


ئۇلار ئارىمىزدىن چىقتى، لېكىن ئۇلار بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن ئەمەس. چۈنكى، بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن بولغان بولسا، بىزدىن ئايرىلمىغان بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى ھېچقايسىسىنىڭ راستتىنلا بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.


ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى بولغان بىزلەر ئۈچۈن ئەرشتە تۈگىمەس، چىرىمەس، سولماس مىراس ساقلانماقتا.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەمدى سىلەر قۇل ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىسىلەر. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغانىكەنسىلەر، خۇدانىڭ ۋەدە قىلغانلىرىغا مىراسخور بولىسىلەر.


چۈنكى، خۇدا ۋەدە قىلغان مىراسقا قانۇنغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولسا، ئۇنداقتا بۇ مىراس خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن كەلمىگەن بولاتتى. بىراق، خۇدا بۇ مىراسنى ئۆز ۋەدىسىگە بىنائەن ئىبراھىمغا ئاتا قىلغان.


پادىشاھ چاكارلىرىغا: «ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى باغلاپ، تاشقىرىغا، قاراڭغۇلۇققا ئاچىقىپ تاشلاڭلار! ئۇ يەرگە تاشلانغانلار ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ» دەپتۇ.


تۆۋەندىكىلەر ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر.


لېكىن ئۇ ئۆزى ھايات ۋاقتىدا ئىككى توقىلىدىن بولغان ئوغۇللىرىغىمۇ سوۋغاتلارنى بېرىپ، ئۇلارنى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، شەرقتىكى زېمىنغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى.


ئاندىن ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن پىچاقنى كۆتۈردى.


ئىبراھىم مۇنداق جاۋاب بەردى: _ مەن بۇ يەرنىڭ ئادەملىرىنى خۇدادىن قورقمايدۇ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئايالىمنى بۇلاپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم.


بىراق مەن ئەھدەمنى تۇغۇلىدىغان ئوغلۇڭ ئىسھاق بىلەن تۈزىمەن. كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا سارە ئۇنى تۇغىدۇ.


لېكىن خۇدا مۇنداق دېدى: _ ياق، ئايالىڭ سارە ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] قوي. مەن ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن.


مەسخىرىچىنى قوغلىساڭ، جاڭجال يوقىلار، جېدەل-ماجىرا ۋە ھاقارەت ھەم تۈگەر.


گىلئادنىڭ ئايالىمۇ ئۇنىڭغا بىرنەچچە ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىن، يىفتاھنى قوغلاپ چىقاردى ۋە ئۇنىڭغا: _ سېنىڭ ئاتىمىزنىڭ ئۆي-زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ھەققىڭ يوق! چۈنكى سەن دېگەن باشقا ئايالنىڭ بالىسى، _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite