Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 20:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن: _ بىزگە نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ مېنى ۋە خەلقىمنى ئېغىر گۇناھقا قويغۇدەك بىز سېنى قانداق رەنجىتكەنىدۇق؟ سەن ماڭا ھېچكىم قىلمايدىغان ئىشنى قىلدىڭ.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 20:9
20 Referans Kwoze  

كېسەلنىڭ سەۋەبىنى سەزگەن پىرئەۋن ئىبرامنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: _ نېمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن؟ نېمىشقا ساراھنىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى دېمەيسەن؟


مەن بۇ ئائىلىدە ئۇنىڭغا ئوخشاشلا ھوقۇقلۇق. ئۇ سىزدىن باشقا ھەممە نەرسىسىنى ماڭا تاپشۇردى. سىز ئۇنىڭ ئايالى تۇرسىڭىز، مەن قانداقمۇ بۇنداق ئەخلاقسىز ئىشنى قىلىپ، خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟ _ دېدى.


ئابىمەلەك ئۇنىڭغا: _ نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ ناۋادا خەلقىم ئىچىدىكى بىرەرسى ئايالىڭغا چېقىلىپ قويغان بولسا، پۈتۈن خەلقىمنى گۇناھقا قويغان بولاتتىڭ ئەمەسمۇ؟! _ دېدى.


ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ.


مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش كېرەك. چۈنكى، ئۇلار مال-دۇنياغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كىشىلەرگە ساختا تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، بەزى ئائىلىلەرنىڭ ئېتىقادىنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلماقتا.


چۈنكى، خۇدا ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.


دۇرۇسلارنى يامان يولغا ئازدۇرغۇچى چۈشەر ئۆزى كولىغان ئورىغا. پاك-دىيانەتلىك مىراسخور بولار ياخشىلىققا.


_ ياق، ئاكا، مېنى خورلىماڭ! ئىسرائىللار بۇنداق قىلسا بولمايدۇ. بۇنداق نومۇسسىز ئىشنى قىلماڭ.


داۋۇت بۇنى ئاڭلاپ، بايغا قاتتىق غەزەپلىنىپ: _ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بۇنداق ئىشنى قىلغان ئادەم ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر.


ئاندىن يوشۇۋا ئاكانغا: _ سەن نېمە ئۈچۈن بىزگە بۇ بالايىئاپەتنى ئېلىپ كېلىسەن؟ ئەمدى پەرۋەردىگار ساڭا بالا-قازا ئېلىپ كېلىدۇ، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئاكان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇلارنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى


ئەگەر بىرسى باشقا بىرىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، زىنا قىلغان ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن.


پەرۋەردىگار خەلق ئىچىگە ۋابا چۈشۈردى. چۈنكى ئۇلار ھارۇن ياساپ بەرگەن ئالتۇن موزايغا چوقۇنغانىدى.


مۇسا ھارۇنغا: _ بۇ كىشىلەرنى شۇنچە چوڭ گۇناھقا پاتتۇرغۇدەك، ئۇلار ساڭا نېمە يامانلىق قىلغانىدى؟ _ دېدى.


تەخمىنەن ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بىرەيلەن يەھۇداغا: _ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ، _ دېدى. _ ئۇنى ئەكېلىپ ئوتتا كۆيدۈرۈڭلار! _ دېدى يەھۇدا.


ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى يايلاقتىن يېڭىلا كەلگەنىدى. ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق غەزەپكە كەلدى ۋە شەكەمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىڭلىسى بولغان دىنانىڭ نومۇسىغا تېگىشىنى پۈتۈن ئىسرائىل قەبىلىسىنى ھاقارەتلەيدىغان، شۇنداقلا يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان سەتچىلىك، دەپ قارىدى.


ئابىمەلەك سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، بارلىق ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ، ھەممە ئىشلارنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. ئۇلار ئىنتايىن قورقۇشۇپ كەتتى.


نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.


پەقەت تاڭ ئاتقاندىلا، ياقۇپ ئايالىنىڭ لېياھ ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ لابانغا: _ بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ مەن راھىلەنى دەپ، سىزگە يەتتە يىل ئىشلىدىم. مېنى نېمىشقا ئالدىدىڭىز؟ _ دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite