8 ئابىمەلەك سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، بارلىق ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ، ھەممە ئىشلارنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. ئۇلار ئىنتايىن قورقۇشۇپ كەتتى.
ئىبراھىم بىر پەيغەمبەردۇر. ئۇنىڭ ساڭا دۇئا قىلىشى ئۈچۈن ئايالىنى ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ بەر. شۇندىلا سەن ھايات قالىسەن. لېكىن سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، ئەگەر بۇ ئايالنى ئېرىگە قايتۇرۇپ بەرمىسەڭ، پۈتۈن خەلقىڭ بىلەن بىرگە ھالاك بولىسەن!
ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن: _ بىزگە نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ مېنى ۋە خەلقىمنى ئېغىر گۇناھقا قويغۇدەك بىز سېنى قانداق رەنجىتكەنىدۇق؟ سەن ماڭا ھېچكىم قىلمايدىغان ئىشنى قىلدىڭ.