Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 20:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 ئاندىن خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ شۇنداق، سېنىڭ ۋىجدانىڭغا خىلاپ ئىش قىلمىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇڭا سېنى ماڭا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويمىسۇن، دەپ سېنى سارەگە چېقىلىپ قويۇشۇڭدىن توستۇم.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 20:6
22 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مېنىڭ سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشۈمنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، يەنى مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مۇبادا سىز ئالدىمغا تېز كەلمىگەن بولسىڭىز، ئەتە تاڭ ئاتقۇچە نابالنىڭ ئادەملىرىدىن بىرمۇ ئەركەك زاتى تىرىك قالمىغان بولاتتى، _ دېدى.


پەرۋەردىگار سىزنىڭ ئۆز قولىڭىز بىلەن قان تۆكۈپ، ئۆچ ئېلىشىڭىزنى توختاتقانىكەن، مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ۋە سىزنىڭ جېنىڭىز بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سىزنىڭ دۈشمەنلىرىڭىز ۋە سىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتى نابالدەك بولىدۇ.


پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر پادىشاھنىڭ كۆڭلى، باشلار ئۇ ئۆزى خالىغان تەرەپكە ئېرىق سۇيىدەك ئۇنى.


ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى يولغا چىققان ۋاقتىدا، خۇدا ئەتراپتىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىگە قورقۇنچ سېلىپ، ئۇلارنى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويدى.


لېكىن ئۇ مېنى ئالداپ، ئىش ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتى. گەرچە ئۇ شۇنداق قىلغان بولسىمۇ، خۇدا ئۇنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشىغا يول قويمىدى.


شەيتاننىڭ كۈچى ئاللىقاچان يوشۇرۇن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. لېكىن، بۇ كۈچنى توسۇپ كېلىۋاتقان توسالغۇ يۆتكىۋېتىلگەندىن كېيىنلا، خۇداغا قارشى چىققۇچى ئاشكارىلىنىدۇ. رەببىمىز ئەيسا مەسىھ بولسا ئۇنى بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ھالاك قىلىۋېتىدۇ ۋە يەر يۈزىگە كەلگەندىكى پارلاق نۇرى بىلەن ئۇنى يوقىتىدۇ.


بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.


مەن يات خەلقلەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، زېمىنىڭلارنى كېڭەيتىمەن. سىلەر يىلدا ئۈچ قېتىم ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يىغىلغان ۋاقتىڭلاردا، ھېچكىم سىلەرنىڭ يۇرتۇڭلارغا يامان كۆز تىكەلمەيدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىقادسىزلاردىن ئايرىلىپ نېرى تۇرۇڭلار. ناپاك ئىشلارغا يېقىن يولىماڭلار، شۇندا، مەن سىلەرنى قوبۇل قىلىمەن.» «ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار يەنە:


شۇڭا مەن قويۇۋەتتىم ئۇلارنى ئۆز تەرسالىقىغا، مېڭىۋەردى دەسسەپ ئۇلار ئۆزى خالىغان يوللارغا.


گۇناھ قىلدىم ئالدى بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا، نەزىرىڭدە رەزىل ئىشلار ئىگىسىمەن ئى خۇدا. ئادالەتنىڭ ئىگىسىسەن پەقەت ئۆزۈڭ، ھەقتۇرسەن ماڭا ھۆكۈم چىقارماققا.


مەن بۇ ئائىلىدە ئۇنىڭغا ئوخشاشلا ھوقۇقلۇق. ئۇ سىزدىن باشقا ھەممە نەرسىسىنى ماڭا تاپشۇردى. سىز ئۇنىڭ ئايالى تۇرسىڭىز، مەن قانداقمۇ بۇنداق ئەخلاقسىز ئىشنى قىلىپ، خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟ _ دېدى.


شۇ سەۋەبتىن، خۇدا ئۇلارغا ھەقىقەتتىن چەتنىتىدىغان بىر كۈچ ئەۋەتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يالغان گەپلەرگە ئىشىنىدۇ.


ئەمدى سىلەر خېتىڭلاردا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە كېلەيلى. سىلەر «ئەرلەرنىڭ ئۆز ئاياللىرىغا يېقىنلاشماسلىقى ياخشىمۇ؟» دەپ سوراپسىلەر.


_ ئەگەر بىرسى ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزسە، يەنى بىرسى ساقلاپ بېرىشكە ئامانەت قويغان ياكى گۆرۈگە قويغان نەرسىگە خىيانەت قىلسا، ياكى بىرسىنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلىۋالسا، ياكى بىرسىنىڭ نەرسىسىنى ناھەق يول بىلەن ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا،


ئاندىن پادىشاھ ئابىمەلەك ئۆز خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: _ كىمدەكىم بۇ كىشىگە ياكى ئايالىغا چېقىلسا، جېنىدىن جۇدا قىلىنىدۇ، _ دېدى.


لېكىن خۇدا بىزگە: «باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېمەڭلار، ھەتتا ئۇنىڭغا قولمۇ تەگكۈزمەڭلار، بولمىسا ئۆلىسىلەر» دېدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.


پىلاتۇس سوراق مۇنبىرىدە ئولتۇرغاندا، ئايالى ئۇنىڭغا: - ئۇ بىگۇناھ ئادەمگە تەگمەڭ. ئۇ تۈنۈگۈن كېچە چۈشۈمگە كىرىپ، كۆپ ئازابلاندىم، - دەپ خەۋەر ئەۋەتتى.


شۇ كۈنى كېچىدە خۇدا لاباننىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: «سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، ياقۇپنىڭ چىشىغا تەگمە» دېدى.


ئوخشاشتۇر ئۆزگىنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى، قۇتۇلالماس جازادىن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتسا كىمكى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite