Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 20:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 ئۇ چاغدا ئىبراھىم كىشىلەرگە ئايالى سارەنى سىڭلىم، دەپ ئېيتقانىدى. شۇڭا گىرارنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك سارەنى ئوردىسىغا ئەكەلدۈرۈۋالغانىدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 20:2
17 Referans Kwoze  

ئوردىدىكى بىرنەچچە ئەمەلدار ساراھنى كۆرۈپ، پىرئەۋننىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ گۈزەللىكىنىڭ تەرىپىنى قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن ساراھ ئوردىغا ئېلىپ كىرىلدى.


ئۇنىڭ ئايالى رىبەقا ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئايالى رىبەقانى كىم دەپ سورىسا، ئۇ ئۇلارغا ئايالىنى «سىڭلىم»، دەپ جاۋاب بەردى. چۈنكى ئۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، رىبەقانى ئېلىپ كېتىشىدىن قورقاتتى.


شۇنداقلا، بىر-بىرىڭلارغا يالغان سۆزلىمەڭلار. چۈنكى، سىلەر كونا تەبىئىتىڭلارنى بۇرۇنقى قىلمىشىڭلار بىلەن بىللە چۆرۈپ تاشلاپ،


شۇنىڭ ئۈچۈن، يالغانچىلىقنى تاشلاپ، بىر-بىرىڭلارغا راست گەپ قىلىڭلار. چۈنكى، ھەممىمىز بىر تەننىڭ ئەزالىرىمىز.


بۇ دۇنيادا پەقەت ياخشى ئىشنىلا قىلىپ، بىرەر قېتىممۇ يامان ئىش قىلىپ باقمىغان بىرمۇ ئادەم يوق.


چۈنكى ئۇ يەتتە قېتىم يىقىلسىمۇ، يەنىلا ئورنىدىن تۇرار، بىراق رەزىللەر بالا-قازادا يىقىلار.


بىراق بابىلنىڭ ئەلچىلىرى خىزكىيا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ، ئۇنىڭدىن كۆرگەن ئالامىتى ھەققىدە ئۇچۇر ئالماقچى بولدى. خۇدا بۇ ئىشنى ئۇنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇردى. چۈنكى خۇدا ئۇنى سىنىماقچى ۋە ئۇنىڭ قەلبىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىپ باقماقچىدى.


خانانىنىڭ ئوغلى غايىبنى بىلگۈچى يېھۇ يىھوشافاتنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا چىقتى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سىز نېمىشقا رەزىللەرگە ياردەم قىلىسىز؟ پەرۋەردىگارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلارنى ياخشى كۆرەمسىز؟ سىز ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدىڭىز.


كېيىن ئابىمەلەك ئىسھاققا: _ زېمىنىمىزدىن چىقىپ كەت! چۈنكى سەن ھازىر بىزدىن كۈچلۈكسەن، _ دېدى.


ئىبراھىمنىڭ زامانىدا كەنئاندا بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنىدى. كېيىن يەنە بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەردى. ئىسھاق گىرار شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك ياشايتتى.


ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ مېنىڭ سىڭلىم ئىكەنلىكى راست، ئۇ ئاتا بىر، ئانا باشقا سىڭلىم. كېيىن مەن ئۇنىڭغا ئۆيلەندىم.


شۇنىڭ بىلەن مارېشالىق دوداۋانىڭ ئوغلى ئەلىئەزەر يىھوشافاتقا قارشى ۋەھىي يەتكۈزۈپ: _ سىز ئاخازيا بىلەن ئىتتىپاقلاشقانلىقىڭىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگار سىز ياساتقان كېمىلەرنى ۋەيران قىلىدۇ، _ دېدى. دەرۋەقە كېمىلەر ۋەيران بولۇپ، ئۇلار تارشىشقا بارالمىدى.


شۇ چاغدا پادىشاھ ئابىمەلەك ئۆز لەشكەر بېشى فىكول بىلەن بىرگە ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا: _ سېنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىڭدا خۇدا ساڭا يار بولۇپتۇ.


بەندىدىن قورقۇش ئۆزى ئۈچۈن تۇزاق قۇرغانلىقتۇر، لېكىن پەرۋەردىگارغا ئىشەنگەن ئادەم ئامان قالۇر.


ئوخشاشتۇر ئۆزگىنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى، قۇتۇلالماس جازادىن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتسا كىمكى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite