12 ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ مېنىڭ سىڭلىم ئىكەنلىكى راست، ئۇ ئاتا بىر، ئانا باشقا سىڭلىم. كېيىن مەن ئۇنىڭغا ئۆيلەندىم.
ئىبرام ساراھقا، ناخور ھاراننىڭ قىزى مىلكاھقا ئۆيلەندى. ھاراننىڭ يەنە يىسكاھ ئىسىملىك بىر قىزىمۇ بار ئىدى.
ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار.
شۇڭا سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنى مېنىڭ سىڭلىم دېگىن. شۇنداق دېسەڭ، ئۇلار سېنى دەپ، مېنىڭ جېنىمغا زامىن بولمايدۇ، ئەكسىچە ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، _ دېدى.
ئۇ چاغدا ئىبراھىم كىشىلەرگە ئايالى سارەنى سىڭلىم، دەپ ئېيتقانىدى. شۇڭا گىرارنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك سارەنى ئوردىسىغا ئەكەلدۈرۈۋالغانىدى.
ئىبراھىم مۇنداق جاۋاب بەردى: _ مەن بۇ يەرنىڭ ئادەملىرىنى خۇدادىن قورقمايدۇ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئايالىمنى بۇلاپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم.
خۇدا مېنى يۇرتۇمدىن ئايرىپ، باشقا يۇرتلاردا مۇساپىر قىلغاندا، مەن ئۇنىڭغا: «بىز قەيەرگە بارمايلى، مەن ھەققىمدە گەپ بولسا، مېنى ئاكام دەپ ئېيتقىن. شۇندىلا سەن ماڭا بولغان چىن مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكەن بولىسەن» دېگەنىدىم.
ئۇنىڭ ئايالى رىبەقا ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئايالى رىبەقانى كىم دەپ سورىسا، ئۇ ئۇلارغا ئايالىنى «سىڭلىم»، دەپ جاۋاب بەردى. چۈنكى ئۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، رىبەقانى ئېلىپ كېتىشىدىن قورقاتتى.
بۇ رەسۋاچىلىقنى مەن قانداق كۆتۈرۈپ يۈرەي؟ سىزمۇ ئىسرائىللار ئىچىدىكى ئۇياتسىز ئادەمگە ئايلىنىپ قالىسىز. ئۆتۈنەي، پادىشاھقا ئېيتسىڭىز، ئۇ مېنىڭ سىزگە ياتلىق بولۇشۇمغا قارشى چىقمايدۇ، _ دېدى.