10 نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.
كېسەلنىڭ سەۋەبىنى سەزگەن پىرئەۋن ئىبرامنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا: _ نېمىشقا ماڭا بۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن؟ نېمىشقا ساراھنىڭ ئۆزۈڭنىڭ ئايالى ئىكەنلىكىنى دېمەيسەن؟
ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن: _ بىزگە نېمىشقا زىيانكەشلىك قىلىسەن؟ مېنى ۋە خەلقىمنى ئېغىر گۇناھقا قويغۇدەك بىز سېنى قانداق رەنجىتكەنىدۇق؟ سەن ماڭا ھېچكىم قىلمايدىغان ئىشنى قىلدىڭ.
ئىبراھىم مۇنداق جاۋاب بەردى: _ مەن بۇ يەرنىڭ ئادەملىرىنى خۇدادىن قورقمايدۇ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئايالىمنى بۇلاپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم.