Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 20:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ئىبراھىم مامرەدىن كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب چۆللۈكىگە يۆتكىلىپ، مەلۇم ۋاقىت كادېش بىلەن شۇر ئارىلىقىدىكى يەردە ياشىدى، كېيىن گىراردا ياشىدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 20:1
23 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق گىراردا تۇرۇپ قالدى.


ئىبراھىمنىڭ زامانىدا كەنئاندا بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنىدى. كېيىن يەنە بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەردى. ئىسھاق گىرار شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك ياشايتتى.


پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازى تىترىتەر چۆل-جەزىرىنى، پەرۋەردىگار زىلزىلىگە سالار كادېش چۆللۈكىنى.


كېيىن پەرۋەردىگار مامرەدىكى دۇپ دەرەخلىكىدە ئىبراھىمغا قايتا زاھىر بولدى. بۇ ۋەقە مۇنداق بولغانىدى. كۈن تىكلەشكەن ۋاقىتتا، ئىبراھىم چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇراتتى.


سائۇل ئامالەكلەرنى خاۋىلا دېگەن يەردىن تاكى مىسىرنىڭ شەرقىدىكى شۇر دېگەن يەرگىچە قوغلاپ يۈرۈپ، قىردى.


ھارۇن ئىككىڭلار زىن چۆلىدىكى كادېشتا، يەنى مىرىبا سۈيىدە ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا ماڭا ساداقەتسىزلىكىڭلارنى كۆرسەتتىڭلار ۋە مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىدىڭلار.


_ بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە سىناي تېغىدىن يولغا چىقىپ، سىلەر كۆرگەن ئاشۇ چەكسىز، قورقۇنچلۇق قاقاس چۆللۈكتىن ئۆتۈپ، ئامورلارنىڭ تاغلىق رايونى بىلەن كادېش-بارنېياغا باردۇق.


لېكىن بىز پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغانىدۇق. ئۇ نالىمىزنى ئاڭلاپ، بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. ھازىر بىز كادېشتا، سېنىڭ زېمىنىڭنىڭ چېگراسىدا تۇرۇۋاتىمىز.


ئۇلار مۇسا، ھارۇن ۋە بارلىق ئىسرائىل خەلقى جايلاشقان پاران چۆلىدىكى كادېش دېگەن جايغا قايتتى. ئۇلار ئۇ جايدا مۇسا ۋە ھارۇن ھەم ئۇ يەرگە يىغىلغان بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە كەنئان زېمىنىنىڭ مېۋىلىرىنى كۆرسەتتى


پادىشاھ ئابىمەلەك ئاخۇززات دېگەن مەسلىھەتچىسى بىلەن لەشكەر بېشى فىكولنى ئېلىپ، گىراردىن ئىسھاقنى زىيارەت قىلىپ كەلدى.


بىراق گىرارلىق پادىچىلار بىلەن ئىسھاقنىڭ پادىچىلىرى ماجىرالىشىپ: «بۇ بىزنىڭ قۇدۇقىمىز» دېيىشتى. شۇڭا ئىسھاق ئۇ قۇدۇقنى ئەسەك [مەنىسى «ماجىرا»] دەپ ئاتىدى.


ئۇ ۋاقىتتا ئىسھاق بەئەر-لاخايروئى دېگەن يەردىن ئايرىلىپ، كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب چۆللۈكىگە قايتىپ كېلىپ، شۇ يەردە ياشاۋاتقانىدى.


ئىبرام ئايالى ۋە ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ھەممە نەرسىلىرىنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىپ، كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب چۆللۈكىگە باردى. لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باردى.


ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ چېگراسى سىدوننىڭ جەنۇبىدىن گىرارنىڭ يېنىدىكى گازا شەھىرىگىچە، شەرقتە سودوم، گومورا، ئادماھ ۋە زىبويىمنىڭ يېنىدىكى لەشا شەھىرىگىچە ئىدى


شۇڭا كىشىلەر ئۇ بۇلاققا بەئەر-لاخايروئى [مەنىسى «مېنى كۆرگۈچى خۇدانىڭ بۇلىقى»] دەپ نام قويدى. بۇ بۇلاق ھازىرمۇ كادېش بىلەن بەرەد شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر.


پەرىشتىنىڭ سۈرىتىدە كەلگەن پەرۋەردىگار ھەجەرنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا كۆردى. بۇلاق شۇر دېگەن يەرگە بارىدىغان يولنىڭ بويىدا ئىدى.


ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھ تۇغماس ئىدى، ئۇنىڭ ھەجەر ئىسىملىك مىسىرلىق بىر دېدىكى بار ئىدى.


ئارقىدىنلا ئۇلار ئېنمىشپات، يەنى كادېشقا قايتىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، خازون-تاماردا ياشاۋاتقان ئامورلارنىمۇ تارمار قىلدى.


كېيىن ئۇ ئاستا-ئاستا كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب چۆللۈكىگە يۆتكەلدى.


ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئولتۇراقلاشقان جاي خاۋىلا رايونىدىن شۇر دېگەن يەرگە قەدەر ئىدى. شۇر مىسىرنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولۇپ، ئاسسۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى بىلەن چىقىشالمىدى.


كېيىن مۇسا ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزدىن باشلاپ، شۇر چۆلىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇلار چۆلدە ئۇدا ئۈچ كۈن ماڭغان بولسىمۇ، لېكىن سۇ تاپالمىدى.


ئىبراھىم فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدا خېلى ئۇزۇن تۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite