8 پەرۋەردىگار خۇدا شەرقتىكى ئېرەم دېگەن جايدا بىر باغ بەرپا قىلىپ، ئۆزى ياراتقان ئادەمنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى.
سەن مېنىڭ ئېرەم بېغىمدا ياشايتتىڭ. سەن قىزىل ياقۇت، توپاز، ئالماس، سېرىق ياقۇت، يوللۇق ھېقىق، قىزىل ھېقىق، كۆك ياقۇت، فىرۇزە ۋە زۇمرەت قاتارلىق قىممەتلىك تاشلار بىلەن بېزەلگەنىدىڭ، زىبۇ-زىننەتلىرىڭ ئالتۇندىن ئىدى. بۇ نەرسىلەر سەن ئاپىرىدە بولغان كۈندە ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولۇنغانىدى.
خۇدا ئادەمئاتىنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، ھاياتلىق دەرىخىگە بارىدىغان يولنى قوغداش ئۈچۈن، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىگە «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان مەخلۇقلارنى ۋە ھەر تەرەپكە بارالايدىغان ئوتلۇق بىر قىلىچنى ئورۇنلاشتۇردى.
لۇت تۆت تەرەپكە نەزەر سېلىپ، ئىئوردان تۈزلەڭلىكىدىن زوئارغىچە سوزۇلغان كەڭ تۈزلەڭلىكنى كۆردى. بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ سۈيى مول بولۇپ، خۇددى ئېرەم باغقا ۋە مىسىرنىڭ يەرلىرىگە ئوخشايتتى. (ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنى تېخى خارابىلىككە ئايلاندۇرمىغانىدى.)
ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئوت يانىدۇ، ئارقىسىدىمۇ ئاتەش يالقۇنلايدۇ. ئۇلار كېلىشتىن بۇرۇن زېمىن ئېرەم باغدەك گۈزەل بولسا، كېلىپ كەتكەندىن كېيىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ. ھېچنېمە ئۇلاردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
مانا مەن پەرۋەردىگار سىئونغا تەسەللى بېرىمەن، ئۇنىڭ خارابىلىرىگە تەسەللى بېرىمەن. ھەمدە سىئوننىڭ بارلىق خارابىلىكلىرىنى ئېرەم باغقا ئايلاندۇرىمەن. ئۇنىڭ چۆللۈكلىرىنى مېنىڭ بېغىمغا ئايلاندۇرىمەن. ئۇ يەردە شادلىق ھەم خۇشاللىق بولىدۇ. شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانالارنىڭ ساداسى ياڭرايدۇ.
گوزان، خاران، رەزەف ۋە تىلاسساردىكى ئەدەن خەلقىنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالالىدىمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلالمىدى! مېنىڭ ئەجدادلىرىم ئۇ يەرلەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى.
شۇنىڭ بىلەن قابىل پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن ئايرىلىپ، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىدىكى نود دېگەن جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى.
مېنىڭ ئۇ كېدىر دەرىخىنى باشقىلار بىلەن بىرگە ئۆلۈكلەر ماكانىغا بەند قىلغانلىقىمنى باشقا ئەللەر ئاڭلاپ، قورقۇپ، تىترىشىپ كەتتى. ئىلگىرى ئېرەم باغ ۋە لىۋاندىكى چېغىدا تولۇق سۇغۇرۇلغان ئەڭ ياخشى ۋە ئېسىل دەرەخلەرمۇ ئۇنىڭمۇ ئۆلۈكلەر ماكانىغا كەلگەنلىكىدىن تەسەللى تېپىشتى.
ئەي پىرئەۋن، سېنى ئېرەم باغدىكى قايسى دەرەخكە ئوخشىتاي؟ سەن بەرىبىر ئېرەم باغدىكى دەرەخلەرگە ئوخشاش ئۆلۈكلەر ماكانىغا مەھكۇم بولۇپ، خەتنە قىلىنمىغان، قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر بىلەن بىرگە بولىسەن! مانا بۇ سېنىڭ ۋە قوشۇنلىرىڭنىڭ ئاقىۋىتى.› بۇ مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
خاران، كانېھ، ئەدەن، شىبا، ئاسسۇر ۋە كىلماد سودىگەرلىرى سەن بىلەن سودا قىلاتتى.
شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقاردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرى يارىتىلغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان بولدى.