Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 2:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 يەر يۈزىدە ئوت-چۆپ ۋە زىرائەتلەر يوق ئىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا تېخى يامغۇر ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى.

Gade chapit la Kopi




ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 2:5
15 Referans Kwoze  

شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقاردى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆزلىرى يارىتىلغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان بولدى.


پات-پات ياغقان يامغۇردىن تېرىغۇچىلارغا پايدىلىق زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن يەر خۇدادىن بەرىكەت ئالىدۇ.


زېمىنغا يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئېتىزلارنى سۇغىرىدۇ.


سەن يەرگە ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، يەر ساڭا ھوسۇل بەرمەيدۇ. سەن ئەمدى سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا ياشايسەن، _ دەپ ئەيىبلىدى.


كېيىن ئۇ يەنە بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئىسمىنى ھابىل قويدى. ئىككىيلەن چوڭ بولغاندىن كېيىن ھابىل پادىچى، قابىل دېھقان بولدى.


يات ئەللەرنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرى يامغۇر ياغدۇرالامدۇ؟ ئاسماندىن ئۆزلۈكىدىن يامغۇر ياغامدۇ؟ ياق! پەقەت بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سەنلا شۇنداق قىلالايسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئۈمىدىمىز سەندە، چۈنكى پەقەت سەنلا ھەممىگە قادىرسەن.»


ئۇ، زېمىننىڭ تۆت تەرىپىدىن ئەكېلىپ بۇلۇتلارنى، يامغۇر ياغدۇرۇپ ھەم چاقتۇرۇپ چاقماقلارنى، كۇھىقاپلىرىدىن ئېلىپ چىقار شاماللارنى.


چارۋا ئۈچۈن دالىدا ئوت-چۆپلەرنى ئۆستۈردۈڭ، ئوزۇقىنى ئىنسانلار قارا يەردىن ئالسۇن دەپ، ئېتىزلاردا زىرائەت-كۆكتاتلارنى ئۆستۈردۈڭ.


شۇنداق قىلغاندا، ئەرشتىكى ئاتاڭلار خۇدانىڭ ھەقىقىي پەرزەنتلىرىدىن بولالايسىلەر. چۈنكى، خۇدا قۇياش نۇرىنى ياخشىلارغىمۇ، يامانلارغىمۇ چۈشۈرىدۇ. يامغۇرنىمۇ ئادالەتلىكلەرگىمۇ، ئادالەتسىزلەرگىمۇ ياغدۇرىدۇ.


ئەمما يەر ئاستىدىن سۇ چىقىپ، پۈتۈن زېمىننى سۇغىراتتى.


پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن زېمىننى ياراتقاندۇر. ئۇ ئۆز دانالىقى بىلەن دۇنيانى بەرپا قىلغاندۇر، شۇنداقلا ئۆز ئەقلى بىلەن ئاسماننى يايغۇچىدۇر.


ئۇ سۆزلىسە، ئاسمان گۈلدۈرلەپ يامغۇر ياغىدۇ. ئۇ زېمىننىڭ چېتىدىن بۇلۇتلارنى يۇقىرى ئۆرلىتىدۇ. ئۇ يامغۇر بىلەن چاقماقنى ئەۋەتىدۇ، ئامبىرىدىن شامالنى قويۇپ بېرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite