25 ئۇ چاغدا ئادەم بىلەن ئايالى يالىڭاچ بولۇپ، بىر-بىرىدىن نومۇس قىلىشمايتتى.
ئۇلار مېۋىنى يېيىشى بىلەنلا كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچلىقىنى بىلىپ نومۇس قىلىشتى ۋە ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، بەدەنلىرىنى يېپىۋېلىشتى.
مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىكى كىشى نائۈمىدتە قالمايدۇ» دېيىلگەن.
سىلەر ئەمدى تويغۇچە يەيسىلەر، مەن، يەنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ نامىنى مەدھىيەلەيسىلەر، چۈنكى مەن سىلەر ئۈچۈن بۈيۈك ئىشلارنى قىلدىم. ئەمدى مېنىڭ خەلقىم قايتا نومۇسقا قالمايدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈمىدى. سەندىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ. سەندىن يۈز ئۆرۈگەنلەر خۇددى ئىسىملىرى چاڭ-توزانغا يېزىلغاندەك يوقىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقى بولغان سەندىن ۋاز كەچكەندۇر.
سەن يالىڭاچلىنىپ قېلىپ، نومۇسقا قالىسەن. مەن سەندىن قىساس ئالىمەن، مەن ھېچكىمنى ئايىمايمەن.»
ئەگەر كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ، ئاتامنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن.
سەن ئاچا-سىڭىللىرىڭنى قوبۇل قىلغان ۋاقتىڭدا، بۇرۇن قىلغان قىلمىشلىرىڭنى ئويلاپ، نومۇس ھېس قىلىسەن. گەرچە بۇ ئىش بۇرۇن مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدىدە بولمىسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى سېنىڭ قىزلىرىڭ قىلىپ، ساڭا تاپشۇرۇپ بېرىمەن.
قورقمىغىن، چۈنكى سەن ئەمدى ئۇياتقا قالمايسەن، خىجىل بولما، چۈنكى سەن ئەمدى شەرمەندە بولمايسەن. سەن ياش ۋاقتىڭدىكى نومۇسلۇق ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىسەن، تۇل ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىڭدىكى شەرمەندىچىلىكلەرنى قايتا ئەسلىمەيسەن.
شەرمەندە بولماس ساڭا ئۈمىد باغلىغانلار، شەرمەندە بولار خائىنلىق قىلىشقا ئۇرۇنغانلار.
مۇسا ھارۇننىڭ خەلقنى باشقۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقى سەۋەبىدىن خەلق باشباشتاق بولۇپ، دۈشمەنلىرىنىڭ مەسخىرىسىگە قالغانلىقىنى بىلدى.
بۇ زاماننىڭ ۋاپاسىز ۋە گۇناھكار كىشىلىرى ئالدىدا كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ ئاتامنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان يىرگىنچلىك ئىشلىرى ئۈچۈن خىجىل بولدىمۇ؟ ياق! ئۇلار پەقەتلا خىجىل بولمىدى. ئۇلار ھەتتا ئۇيىلىپ قىزىرىشنىمۇ بىلمەيدۇ! شۇڭا ئۇلار خۇددى باشقىلارغا ئوخشاش ھالاك بولىدۇ. مەن ئۇلارنى جازالىغاندا، ئۇلار چوقۇم ۋەيران بولىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»
بۇتلارنى ياسىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەخمەق، ئۇلار قەدىرلىگەن بۇتلارنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر. بۇتلارغا چوقۇنغۇچىلار قارىغۇلاردۇر، ئۇلار نومۇسقا قالىدۇ.
ئى پەرۋەردىگار، مېنى ھەرگىز شەرمەندە قىلما، چۈنكى مەن ئىلتىجا قىلدىم ساڭا. رەزىللەر بولغاي شەرمەندە، زۇۋانى تۇتۇلۇپ بارغاي گۆرگە.