24 بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.
مەسىلەن، ئېرى بار ئايال ئېرى ھاياتلا بولىدىكەن، قانۇن بويىچە ئېرىگە باغلىنىدۇ. لېكىن، ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، نىكاھ قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.
كىم ئالالايدۇ پەزىلەتلىك ئايالنى؟ ئارتۇقتۇر گۆھەردىنمۇ ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتى.
پەزىلەتلىك ئايال ئېرىنىڭ تاجىدۇر، شەرمەندە خوتۇن ئېرىنىڭ كۈچىنى خوراتقۇچىدۇر.
تىڭشىغىن ئەي قىز، قۇلاق سالغىن سۆزۈمگە، ئۇنتۇغىن خەلقىڭنى، ئاتاڭنىڭ ئۆيى بولمىسۇن ئېسىڭدە.
شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ياش تۇل ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىپ، پەرزەنت كۆرۈپ، ئۆي ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى نەسىھەت قىلىمەن. شۇنداق قىلغاندا، بىزگە قارشى تۇرغۇچىلاردا ھەرقانداق پىتنە-ئىغۋا تارقىتىش پۇرسىتى بولمايدۇ.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار، پەقەت ئۇنىڭ نامى بىلەنلا قەسەم قىلىڭلار.
لېكىن پەرۋەردىگارغا سادىق بولغان ھەممىڭلار بۈگۈنگىچە ھايات قالدىڭلار.
بارنابا يېتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ئۇ يەردىكى خەلققە بەخت ئاتا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال بولدى. ئۇ كۆپچىلىكنى جان-دىلى بىلەن رەببىمىز ئەيساغا سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
سىلەر ھازىرغىچە پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا سادىق بولۇپ كەلدىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار!
لەمەك ئىككى خوتۇن ئالدى. بىرىنىڭ ئىسمى ئاداھ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى زىللاھ ئىدى.
بۇنداق خوتۇن تاشلار ياشلىقىدا تەگكەن جورىسىنى، ئۇنتۇپ قالار ئۇ خۇدا ئالدىدا قىلغان ئەھدىسىنى.
داۋۇت بۇرۇن يىزرىئەللىك ئاخىنوئامنىمۇ ئەمرىگە ئالغان بولۇپ، شۇ تەرىقىدە ئۇ ئىككى خوتۇنلۇق بولۇپ قالدى.