ئالەمنىڭ يارىتىلىشى 2:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 يەتتىنچى كۈنى خۇدا يارىتىش ئىشىنى تاماملاپ بولۇپ، ئارام ئالدى. Gade chapit la |
يەتتىنچى كۈنى ماڭا ئاتالغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈنى مەيلى سىلەر بولۇڭلار، مەيلى پەرزەنتلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر بولسۇن، ھېچكىم ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن. ھەتتا ئۆكۈزۈڭلار، ئېشىكىڭلار ياكى باشقا چارۋا مېلىڭلارنىمۇ ئىشلەتمەڭلار. قۇللىرىڭلار ۋە دېدەكلىرىڭلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش دەم ئالسۇن.
سىلەر دەم ئېلىش كۈنىنى ئاياغ ئاستى قىلماڭلار، مېنىڭ مۇقەددەس كۈنۈمدە ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار. دەم ئېلىش كۈنىنى، ‹بىر خۇشاللىق كۈن› دەپ بىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس كۈنىنى قەدىرلىشىڭلار كېرەك. ئۆزۈڭلار خالىغانچە ئىش قىلماڭلار، ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار قۇرۇق پاراڭ سالماڭلار، بۇ كۈننى ھۆرمەتلىشىڭلار كېرەك.